مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر خەلقئارالىق مەدەنىيەت يەرمەنكىسىگە ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك فولكلور كۆرگەزمىسىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 66 دۆلەت ۋە ياكى 66 خىل مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.
سەنئەتكار ئۆز كۆرگەزمىسىنىڭ نامىنى "يىپەك يولىدا كارۋان" دەپ ئاتىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدارلىقى، كۆپ قاتلاملىق بولۇشى ۋە جەزبىدارلىقى ھەمدە سەنئەتكار قوللانغان ئىسىمدىكى ئۆزگىچىلىك بىلەن بۇ يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە شىمالىي گېرمانىيە رادىئوسى مەرۋايىت خانىمنى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت قىلغان.
مەرۋايىت خانىم مەزكۇر يەرمەنكە ھەققىدە توختىلىپ:" گەرچە ھازىر مېنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلىتىم بولمىسىمۇ، ئەمما مەن ئۆز مەدەنىيىتىم ئاتا قىلغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن خۇددى بىر مۇستەقىل دۆلىتى بار ئادەمدەك مەغرۇر تۇردۇم" دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلىغايسىلەر.