تۆۋەندە، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزدا ئۇيغۇرچە پروگرامما ئاڭلىتىشقا باشلىغان ئون يىل مابەينىدە، ئۇيغۇرلار ھاياتىدا بولۇپ ئۆتكەن زور ۋەقە ھەم ھادىسىلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز.
2008 - يىلى دېكابىردىن باشلاپ بۇنىڭدىن ئون يىل مۇقەددەم يەنى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى رەسمىي باشلانغان 1998 - يىلىغا قەدەر نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ ئون يىلنىڭ ئىنتايىن جىددىي ۋەزىيەتلەرگە يۈزلەنگەن، قايغۇ ھەم شادلىق، پەخىر ھەم ئەپسۇس، ئۈمىد ھەم نىشان جىپسىلاشقان ئاجايىپ مۇرەككەپ بىر جەريان ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
رادىئومىزدا ئۇيغۇرلار ھاياتى ھەققىدە بېرىلگەن ئاخباراتلارنى يەكۈنلىگىنىمىزدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئون يىلدىكى ھاياتىنى كۆرگەندەك بولىمىز. چۈنكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى تەقدىرى بىلەن يېقىن تۇرۇپ كەلدى، ھەر بىر قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا ئاجايىپ ئەھمىيەتلىك ئاخباراتلار مەيدانغا كەلدى، يەنى ئۇيغۇرلار ئۆز ھاياتىدا ئاجايىپ زور ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولدى، بۇ ھەقتە چەكلىك بولغان ئاڭلىتىش ۋاقتىمىزدا تەپسىلىي توختىلىشقا ئىمكان بولمىسىمۇ، ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋەقە ھەم ھادىسىلەرنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 1998 - يىلى 14 - دېكابىر 30 مىنۇتلۇق ئۇيغۇرچە پروگرامما ئاڭلىتىشىنى باشلىدى، بۇ ۋاقىت ئۇيغۇر ئېلىدە 4 - فېۋرال ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر يىلغا يېقىنلاشقان، خىتاي دائىرىلىرى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى جىددىي يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈمگە بۇيرۇش، جازالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان شۇنىڭدەك پۈتۈن ئېلى سىياسىي ھاۋاسىنى قاراڭغۇ تۇمان قاپلىغان بىر جىددىي مەزگىل ئىدى شۇنداقلا ئىلى ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي ئىچىدە مۇنازىرە يۈرگۈزۈشمۇ چەكلەنگەن بىر پەيتتە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرلارغا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە سۆز قىلىش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
شۇندىن ئېتىبارەن رادىئومىزدا ئىلى ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ۋە بۇ ۋەقەنى ئەسلەپ دۇنيادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش، مۇھاكىمىلەرگە ئورۇن بېرىلىپ كەلمەكتە.
2000 - يىلىغا كەلگەندە رادىئومىز ئاڭلىتىشى بىر سائەتكە ئۇزارتىلىپ مۇقىم سەھىپىلەر بۇيىچە پروگراممىلار ئاڭلىتىشقا باشلىدۇق، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا جايلاردىن بىۋاستە تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار ئېلىپ كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتۇق.
2001 - يىلىدىكى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسى ھەققىدە نەق ۋاقتىدا خەۋەرلەر تارقىتىلدى، ھەمدە بۇ پاجىئەنىڭ قۇربانلىرى ئىچىدە نيۇ يوركتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قوشماق بىنادا خىزمەت قىلىۋاتقان زۆھرە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەندىن باشقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر رادىئومىز زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلدى.
2001 - ۋە 2002 - يىللىرى قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى ھەققىدە يەرلىك خەلق ھەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى زىيارەت قىلىپ مەلۇماتلار بەردۇق.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 - يىلى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن باشلىغان " قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى نامىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بۈگۈنگە كەلگەندە يېزا، ناھىيىلەردىمۇ قوش تىللىق يەسلىلەر قۇرۇلۇپ ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە تەربىيىنى دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىدىن باشلايدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئىستانسىمىز، قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىلىرىگە دائىر ئاخبارات مەلۇماتلارنى ئىز قوغلاپ مەلۇماتلار بېرىپ كەلمەكتىمىز ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۈرلۈك مۇلاھىزىلىرى ئاڭلىتىلدى. شۇنداقلا مەزكۇر مەسىلە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
رادىئومىز سەھىپىلىرى موللاشتى، بۇ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئۈچ توملۇق ئانا يۇرت رومانى ئاڭلىتىلىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ زور قىزىقىشى ھەم ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
2003 - يىلى قەشقەرنىڭ مارالبېشى، پەيزىۋاتنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە خەلقئاراغا دەل پەيتىدە، چوڭقۇرچاق يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئېغىر ئاپەتتە قالغانلىقى، 268 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئوخشاش قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقاتتى، ھەمدە ھەقسىز قىزىق لىنىيىلىك تېلېفونى تەسىس قىلىنىپ ئاڭلىغۇچىلاردىن، ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى، ھاشار، پىلانلىق تۇغۇت، ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ئۇچۇر ئىنكاس ھەم پىكىرلەر ئىگىلەندى.
قىزىق لىنىيە ئىنكاسلىرى مەخسۇس سەھىپە بۇيىچە تارقىتىلىپ ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيتىلدى.
2003 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تېررور تىزىملىكىگە ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى كۆرسىتىپ،ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. ئەمما بىزنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىز ئارقىلىق، خەلق خىتاي تەرىپىدىن تېررورچى كۆرسىتىلگەن بۇ تەشكىلات ھەم كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان دېموكراتىك مىللىي پائالىيەتچىلىرى ھەم تەشكىلاتلار ئىكەنلىكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل ئەيىبلىشىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى، ئۇلارنى پەقەت ئۇيغۇر مۇستەقىللىق تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر دەپلا ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىدەك ھەقىقىي ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندى.
2004 - يىلىغا كەلگەندە رادىئومىز ئۇنىۋېرساللاشتى، رادىئومىزدا ئۈچ خىل يېزىقتىكى مەخسۇس تور بەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى رادىئومىزغا كۈچ قوشتى، ئاڭلىغۇچىلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا تۇرۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق پروگراممىمىزنى ئىختىيارى ھالدا ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئاڭلىيالايدىغان، خەۋەر يازمىلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولدى شۇنداقلا ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن يەنە بىر ئالاقىلىشىش كۆزنىكى ئېچىلدى.
ئەلۋەتتە بۇ پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ تۈرلۈك ۋاسىتىلاردىن پايدىلىنىپ رادىئومىز ئاڭلىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، تور بەتنى قامال قىلىش ھەرىكىتىنى بوشاشتۇرماي كەلدى. ھالبۇكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى ئاڭلىغۇچىلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىۋاتقان تەقدىردىمۇ سادىق ئىخلاسمەنلىرىمىزنىڭ رادىئومىز ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىن خەۋەردار بولۇش، ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىتاي تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقان ئۇچۇر، ئارزۇ - ئارمانلىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئەركىن دۇنياغا تارقىتىلىشىنى تەخىرسىز كۈتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 2005 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە قانداق زور ۋەقە ھەم ھادىسىلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا دائىر ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلىرىدا مۇناسىپ قانداق ئاخبارات - ئۇچۇرلار بېرىلگەنلىكىنى ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق مەلۇماتلار ئاڭلايسىلەر.