رىياددىكى يىغىننىڭ تەۋسىيەلىرى
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ بىردەك خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يىغىننىڭ خۇلاسىسى كوفى ئانناننىڭ سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ - قۇۋەتلەش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە كرىزىسى ھەققىدە مۇندىن ئىلگىرى چىقارغان بارلىق قارارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەت قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەۋسىيەلەر بىلەن ئاخىرلاشقان.
گېزىت خەۋەرلىرىگە كۆرە، سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيىدە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرگە بولغان ھېسداشلىقىنى ئىزھار قىلىپ، سۈرىيە خەلقىنى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قەتلىئامىدىن قۇتقۇزۇش چارىلىرىنى ئىزدەشكە ئەڭ كۆپ تەشەببۇس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولدى. ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇئۇد ئەل فەيسەل ھىلارى كلىنتون بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوراللاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سۆزلىدى.
ئىستانبۇلدا «سۈرىيە دوستلىرى» يىغىنى
قاتارنىڭ«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى 1 - ئاپرىل كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە چاقىرىلغان«سۈرىيە دوستلىرى» يىغىنىنىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرىنى نەق مەيدان كۆرسەتتى. خەۋەرگە كۆرە، يىغىن ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك ئېچىلغان بولۇپ، 71 دۆلەتتىن ۋەكىللەر قاتناشقان. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتونمۇ ئىشتىراك قىلغان. يىغىننىڭ باشلىنىش نۇتۇقىنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردۇغان سۆزلىگەن.
ئىستانبۇلدىكى يىغىندا ئېلىنغان قارارلار
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە چاقىرىلغان«سۈرىيە دوستلىرى» يىغىنىدا، سۈرىيىدە قۇرۇلغان مىللىي كومىتېتنىڭ سۈرىيە خەلقىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان رەسمىي كومىتېت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، كوفى ئانناننىڭ تەكلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مەلۇم مۇددەت بەلگىلەش، سۈرىدىكى قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن چارە قوللىنىش قاتارلىق قارارلار ئېلىنغان.
ئىستانبۇلدا مەزكۇر يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئەسنادا ئەسەد يانداشلىرى يىغىن زالىغا يېقىن جايلاردا يىغىنغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۈركىيە ساقچىلىرى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەن.