موسكۋا بولشوي تىياتېرىدا ياڭرىغان «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسىنىڭ ھېكايىسى نەدىن كەلگەن؟

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1944 - ، 1949 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازى يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ «شەپقەت ھەمشىرەسى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ئارقىلىق خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

0:00 / 0:00


بولۇپمۇ قۇددۇس غوجامياروفنىڭ ئىجادىدىكى «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ئۇنى مۇزىكا ساھەسىدە يوقىرى نام - ئابرويغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مىللىي قەھرىمان رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سەلىمە كامال خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنداقتا، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا تونۇلغان كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مۇزىكا ئەسىرى - «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسىنىڭ ھېكايىسىنى نەدىن ئالغان؟

مەلۇم بولۇشىچە، 1945 - يىلى 13 - يانىۋاردا غۇلجىدىكى ھەرەمباغنى ئېلىش ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان 18 ياشلىق «شەپقەت ھەمشىرەسى» رىزۋانگۈلنىڭ ھېكايىسى مىللىي ئارمىيە ئوفېتسېرلىرىدىن مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۇنجى قېتىم قۇددۇس غوجامياروفقا ئاڭلىتىلغان. ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈلنىڭ ئىلىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتەك بۇ قەھرىمانلىق روھى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش قۇددۇس غوجامياروفقا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىزۋانگۈل ھەققىدە مۇزىكىلىق ئەسەر ئىشلەپ ئۇنىڭ ئۆلمەس ئوبرازىنى تىكلەشكە بەل باغلىغان.

ئۇنداقتا، قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلنىڭ ھېكايىسىنى كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفقا يەتكۈزگەن مىرزىگۈل ناسىروف زادى كىم؟

مىرزىگۈل ناسىروف ئەسلىدە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇيغۇر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» غا قاتناشقان ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1942 - يىلى بۇيرۇق بويىچە ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىن ئورتا ئاسىياغا قايتۇرۇلغان. ئاندىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن 24 كىشىلىك ئالاھىدە ئەترەت تەركىپىدە تاشكەنتكە ئەۋەتىلىپ مەخسۇس ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئالغان. بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوف ۋە ك گ ب خادىملىرىدىن تۇرسۇن رەھىموف قاتارلىقلاردىن مىللىي ئىنقىلاب ۋە ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دەرس ئاڭلىغان. كېيىن ئەنجان ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر قىشلاققا ئەۋەتىلىپ ھەربىي مەشققە قاتناشتۇرۇلغان ھەمدە گېنېرال پولىنوفنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلى تەۋەسىگە كىرىشكە تەييارلانغان. 1944 - يىلى سېنتەبىردە مىرزىگۈل ناسىروف بۇ ئالاھىدە ئەترەتنىڭ تەركىپىدە چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ھەربىي خادىمى كۇزمىن قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان. شۇندىن باشلاپ مىرزىگۈل ناسىروف مىللىي ئارمىيە سېپىدا نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقا ھەمدە كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. ئەلقەم ئەختەم بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئارمىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي كوماندا بۇيرۇقلىرىنى رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1945 - يىلى يازدا سوپاخۇن پولكى بىلەن بىرلىكتە مۇزداۋاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. شۇ يىلى كۈزدە بۇيرۇق بويىچە جەنۇبقا چۈشكەن مىللىي ئارمىيە قىسمى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن، ئالماتا ئەتراپىدىكى مېدېئو دېگەن جايغا 10 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا بارغان. ياش ئوفېتسېر مىرزىگۈل ناسىروف بۇ يەردە مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قادىر ھەسەن ۋە قۇددۇس غوجامياروفلار بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇ 18 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈلنىڭ سېستىرا سۈپىتىدە غۇلجىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى، يارىدار ئەسكەرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا ئوق تېگىپ قۇربان بولغانلىقى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگەن. قۇددۇس غوجامياروف مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان رىزۋانگۈل ھەققىدىكى ھېكايىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن. كېيىنچە ئۇ بۇ ھېكايىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆزىنىڭ مەشھۇر سىمفونىيىسى «رىزۋانگۈل» نى يورۇقلۇققا چىقارغان.

مىللىي ئارمىيە ئوفېتسېرى مىرزىگۈل ناسسىروف كېيىنچە بۇيرۇق بويىچە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكەن. 1991 - يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ياشىنىپ قالغان مىرزىگۈل ناسىروف ئۆزىنىڭ 1940 - يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى ئۇيغۇر يازغۇچىسى شايىم شابايوفقا سۆزلەپ بەرگەن. شايىم شابايوف مۇشۇ ئاساستا «ھۆججەتلىك قىسسە - مىرزىگۈل» ناملىق ئەسلىمە ئەسىرىنى يېزىپ چىقىپ، 2000 - يىلى ئالماتادا نەشر قىلدۇرغان.