مەركىزى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق رويېترس ئاگېنتلىقىدا «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇردى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە مۇخبىر بېېن بلەنچېد تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە يېزىلىپ رويېترستا ئېلان قىلىنغان. ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ:
-ئۈرۈمچىنىڭ تار ئارقا كوچىلىرى ۋە مەسچىتلىرى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قوزغالغان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش فرونتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۈرۈمچى كوچىلىرى تۆمۈر كالتەكلەر بىلەن قوراللانغان چارلىغۇچى ساقچىلار ۋە تولۇق قوراللانغان ئالاھىدە قىسىملار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ نۇرغۇن كىشىلەر مەسخىرە قىلىدىغان «ئۇيغۇر رايونى تېررور ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئۇۋىسى» دەيدىغان تەشۋىقاتىنى يادىمغا سالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاتالمىش دىنى رادىكاللارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق رايوندا قاتتىق قوللۇق بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى.
ئاپتور بېن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوندىكى ئېتنىك سۈركىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر توپىلاڭلارغا زېمىن ھازىرلاپ، مىللەتلەرنى بىر-بىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ماڭا بۇ ئۆتكەن ئون يىلدا ئۆزلىرىنىڭ تېررورچىلار بىلەن ئوخشاش بىر تاياقتا ھەيدەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىككى يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىكنى تېخىمۇ ئۇيغايتتى. ئەنىۋەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر سودىگەر ماڭا ئۇدۇلدا تۇرغان ئۇيغۇر كاۋاپخانىسىنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «ئىلگىرى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاز-تولا مۇناسىۋەت بار ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس. ئاۋۇ كاۋاپخانىغا ئىلگىرى خىتايلار بەك جىق كېلەتتى. لېكىن ھازىر ئۇلار بۇ يەرگە كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ» دېدى. بۇ ئۇيغۇر سودىگەر ئىلگىرى چەتئەلگە چىقىپ تىجارەت قىلىدىكەنتۇق، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلدىكى سودىسى يوق دېيەرلىك بوپ كەتكەن. بۇ ئۇيغۇر سودىگەر سۆزىنى داۋام قىلىپ: «بۇ خىتاي دېگەن بەك ئەسكى خەلق، ئۇلار خۇداسىز كوممۇنىستلار. بىز بولساق مۇسۇلمان، خۇدا ھەر بىرىمىزنىڭ يۈرىكىدە. بىزنىڭ بۇلار بىلەن بىللە ياشايدىغان ھېچقانداق بىر ئورتاقلىقىمىز يوق» دېدى.
ئاپتور بېن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارغا يېپىشتۇرۇلغان ماركىلارنىڭ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى تۆۋەندىكىدەك داۋام بايان قىلىدۇ:
-ئۆزى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، لېكىن ئاتا-ئانىسى خىتاينىڭ ئىنتايىن نامرات ئۆلكىسى بولغان خېنەندىن كەلگەن يا خەيسەن ماڭا «ئۇيغۇرلار بەك قالاق خەق، قارىمامسەن ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ جىقلىقىغا. ئەگەر بىز بىردىن ئارتۇق بالا ئالساق جەرىمانە تۆلەيمىز، لېكىن بۇلار قانچە بالا ئالغۇسى كەلسە ئېلىۋېرىدۇ. بىز بۇ يەرگە كېلىپ ئۇلارغا تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت ئۆگىتىشىمىز كېرەك» دېدى. ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى ياۋايى، قانۇنلارغا ئانچە بويسۇنۇپ كەتمەيدىغان، ئەمما ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا مېھماندوست، قىزىقارلىق ۋە ئۇسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر مىللەت دەيدىغان خىتايلارنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا بەرگەن باھالىرى يامانلىشىپ باردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكۇلىننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىگە نارازى بولغان ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ھالدا ئوخشىمايدىغان ماركىلارنى يېپىشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار دەسلەپتە فېئودال پومىشچىك، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشپىيونلىرى، ئۇندىن كېيىن ئەكسىلىنقىلابچى، كېيىن بۆلگۈنچى، 11-سىنتەبىردىن كېيىن بولسا تېررورچى دەپ قارىلانغان.
مۇخبىر بېن ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز كۈچىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دۇنيادا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ قارىلاش ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلغانلىقى، ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ يەرلەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قايتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام پارتىيىسى» تەشكىلاتىنى خىتايغا تەھدىت پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدا بۇ تەشكىلات پەيدا قىلغان كەڭ كۆلەملىك بىر قوراللىق ھەرىكەت ياكى تېررور دەپ ئاتىغۇدەك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك بىر ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇپ باقمىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازى ئىكەنلىكىنى ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قانچە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئىپادە قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-مېنىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ماڭا ئۈرۈمچى ۋەقەسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ تەبىئىي بىر ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ :«خىتايلار بۇ يەرنى بېسىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ بىزگە قارشى مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى. ئۇلار بىزنى خىتاي كۆچمەنلەر ئارقىلىق يۈتۈۋەتمەكچى، بىز ھازىر ئۆزىمىزنىڭ ھالىدىن بەك ئۈمىدسىز، ھال شۇنداق تۇرسا، بىزنى يەنە نېمە ئىش قىلسۇن دەيسەن. بىز تېررورچى ئەمەس» دېدى.
خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى. ئەمما بۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشى ئەمەس، ئاساسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى تاشلاپ، خىتايچە ئۆگىنىشىنى ئىپادە قىلىدۇ. بارلىق مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈنلۈكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما خىتاي تىلىنى سۇدەك بىلىدىغان ئەكبەر ئۈچۈن بۇ بىر پايدا ئېلىپ كەلمەپتۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە خىتايچىنى مۇكەممەل سۆزلەيدىغان ئەكبەر ماڭا ئۆزىنىڭ خىتايچىنى شۇنداق ياخشى بىلىپ تۇرۇپمۇ خىزمەت تاپالماي پاكىستاننىڭ ئۇششاق-چۈششەك ماللىرىنى سېتىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن «ھازىر ئۇلار بىزنىڭ تىلىمىزنىمۇ يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايچە ئوقۇشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ 99 پىرسەنتى بۇنىڭدىن نارازى» دېدى.
يەنە بىر قانچە ئۇيغۇر ماڭا ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىردىن-بىر يولنىڭ ئىسلامغا يېقىنلىشىش ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خىتايلاردىن ئۆزىنى قوغداپ قېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.