«خەلقئارا رۇمەلى-بالقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» تۈركىيىنىڭ قوجائەلى ۋىلايىتىنىڭ ئىزمىت شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى. 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىننى سابىق يۇگوسلاۋىيىدىن تۈركىيىگە كۆچۈپ كەلگەن تۈركلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان رۇمەلى-بالقان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان.
بۇ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا رۇمەلى-بالقان رايونىدا يەنى ماكىدونىيە، كوسوۋو، گرتسىيە ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

يىغىنغا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراق، ئافغانىستان، قازاق ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ بويىچە قاتناشماقتا.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قاتناشتى ۋە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۈكسۈر قاتارلىق كىشىلەر قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى.