بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپىرىگە ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، ھازىر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتۇلدۇرۇش ئاستىدا تۇرماقتا. ئەمما. قىرغىزىستان تەرەپ رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ قىرغىز قاتناش ساقچىلىرىنىڭ توختاش بۇيرۇقىنى ئاڭلىماي، ئوق چىقارغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن. بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر بۇ ۋەقەنىڭ قىرغىز - رۇس مۇناسىۋەتلىرىنى ناچارلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلغان. تۆۋەندە سىلەرگە ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
تاسادىپىي ۋەقە
20 - ئاپرىل كۈنى بىشكەكتە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ،" رۇسىيە تەرەپ بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ھەمدە ئەلچىخانىمىز قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ۋەقەنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەققىدە رەسمىي تەلەپ قىلماقچى " دەپ كۆرسەتكەن.
رۇسىيە ھەربىي خادىملىرى بىلەن قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار خادىملىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىدىمۇ تۈرلۈك ئىنكاس ۋە ئۇچۇرلار پەيدا بولدى شۇنىڭدەك بىشكەك دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىرغىزىستان ساقچىلىرىنىڭ رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى تېمىركان سۇبانوۋ رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، " قىرغىزىستان قانۇننى قوغداش خادىملىرى كانتتىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ھەربىي خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلمىدى" دەپ جاكارلىدى.
ئالدى بىلەن رۇسلار ئوق چىقارغان
تېمىركان سۇبانوۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانتتىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە نومۇر ئېسىلمىغان ماشىنىدا ئولتۇرغان ئۈچ نەپەر ئوفىتسېرى بىشكەك شەھىرىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا قاتناش ساقچى خادىملىرىنىڭ توختاش بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلماي، داۋاملىق مېڭىۋەرگەن ، نەتىجىدە قاتناش ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاكى ھەربىي بازا جايلاشقان كانت شەھىرىگىچە قوغلاپ بارغان.
ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا، تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا رۇس ھەربىي خادىملىرى ماشىنىدىن چىقماي، ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. نەتىجىدە، ساقچىلارنىڭ بىرى ئۇنىڭغا ئوق چىقىرىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەن رۇسىيە ھەربىي خادىمىنى يارىلاندۇرغان. مەزكۇر رۇس ھەربىي خادىمى ئېغىر مەس ئىكەن.
قىرغىزىستان تەرەپ ۋەقەدە قەستەنلىك يوقلۇقىنى كۆرسەتتى
21 - - ئاپرىل كۈنى قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قىدىربايېۋمۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، قاتناش قائىدىسىنى بۇزغان رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ قىرغىزىستان قاتناش ساقچىلىرىنىڭ توختاپ، ماشىنىدىن چىقىش بۇيرۇقىنى ئاڭلىمىغانلىقى، بىر رۇس خادىمىنىڭ ئوق چىقارغانلىقى، نەتىجىدە ئۇنىڭ قىرغىزىستان ساقچىسى تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلغانلىقىنى، رۇس خادىملارنىڭ مەس ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ رۇسلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا قانداقتۇر، قىرغىزىستان ساقچىلىرىنىڭ ئاساسسىز ھالدا رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى شەرھىلىگەن. ئۇ، يەنە قىرغىزىستان قاتناش ساقچىلىرىنىڭ جىددىي كېرەك ھالەتتە قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئەمما، رۇسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا، ھەربىي خادىملارنىڭ ئۆز بازىسىغا قايتىش يولىدا بىر قارا جىپ ماشىنىنىڭ ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇۋالغانلىقى، ماشىنىدىن تۆت ئادەم چىققانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۈچىنىڭ ساقچى كىيىمى كىيگەنلىكى ھەمدە رۇسلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
فېلىكىس قۇلوۋ:" ئىشىنىمەنكى، ئەسلى بۇ ئىشنى قورال ئىشلىتىش دەرىجىسىگە ئېلىپ بارمىسىمۇ بولاتتى"
مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن ، ئاتاقلىق قىرغىز ئۆكتىچى رەھبىرى، سابىق باش مىنىستىر فېلىكىس قۇلوۋ ئىنكاس قايتۇرۇپ، رۇسىيە ھەربىي خادىملىرى بىلەن قىرغىز قاتناش ساقچىلىرى ئارىسىدىكى بۇ ئىشتا قورال ئىشلەتمەسلىك كېرەكلىكىنى، بۇ مەسىلە ئۈستىدە قىرغىز ۋە رۇسىيە تەرەپ بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا، كېرەك بولمىغان سوئاللارنىڭ مەيدانىغا چىقىشىنى چەكلىگىلى بولىدىغانلىقى، بىراق، رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم بىر قىسىم قىرغىز ئەمەلدارلىرىنىڭ بايانلىرىدا رۇسىيە - قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنى ناچارلاشتۇرىدىغان ئىپادىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن. فېلىكىس قۇلوۋ سۆزىدە يېقىندا رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ بىر كومىتېتىنىڭ باياناتىدا قىرغىزىستان پارلامېنتىدا رۇسىيىگە قارشى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ تەنقىد قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بىشكەكنىڭ يېنىدىكى كانت شەھىرىدىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئامېرىكىنىڭ ماناس ئايرودرومىدىكى ھەربىي بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ جايدا مەلۇم ساندا رۇسىيە ھەربىي خادىملىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۇرغۇزۇلماقتا . رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان بۇ بازىنى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا ئىشلىتىشكە پۈتۈشكەن ئىدى.
ئەلۋەتتە، مەزكۇر ھەربىي بازا ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم قىرغىز مىللەتپەرۋەرلىرى ھەم ئۆكتىچىلىرى قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. ئەمما، فېلىكىس قۇلوۋ بولسا، قىرغىزىستاننى رۇسىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كونفېدېراتسىيىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېكىن، بىشكەك ساقچى دائىرىلىرى بۇ ۋەقەدە ھېچقانداق رۇسىيە بازىسىغا قارشى قەستەن ھەرىكەتنىڭ ئىپادىسى بارلىقىنى شەرھىلىمىگەن. (ئۈمىدۋار)