ئوباما - مېدۋېدېۋ ئۇچرىشىشى يېڭى باسقۇچنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى، بۇ يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما رۇسىيە، خىتاي ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى. بولۇپمۇ رۇسىيە پرېزىدېنتى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى ۋە يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە بىر ترىلىيون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، دۇنيانى ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇشقا پۈتۈشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە كونتروللۇقنى كۈچەيتىش، باج ساھەسىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىپ، كۆرۈنەرلىك پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى يىغىننىڭ خۇلاسىسىنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ دۇنياۋى كرىزىسنى ھەل قىلىشقا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.

يىغىن باشلىنىشتىن ئىگلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت يىغىنى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشى رۇسىيە تەرەپنىڭ يۇقىرى باھالىشىغا ئېرىشتى.

قىزغىن كەيپىياتتىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئاندرېي نېستېرېنكو باراك ئوباما بىلەن دمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ بۇ قېتىملىق تۇنجى ئۇچرىشىشىنى يۇقىرى باھالاپ، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئاساسىنى سېلىش مۇمكىنچىلىكىنى بەرگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە " بۇ ئۇچرىشىشنىڭ خۇلاسىسى كۈتكەندىنمۇ نەتىجىلىك بولدى" دەپ ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ رۇس تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان شۆبىسىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى پرېزىدېنت رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارىسىدىكى بىر قاتار ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بولۇپمۇ، ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش ھەققىدە يېڭى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بەلكى بۇ كېلىشىم ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا پرېزىدېنت بۇش ۋە پۇتىن دەۋرىدە ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلارغا خاتىمە بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى، ئالدىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىر قەدەر سوغۇقلىشىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق تەرەپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى رۇسىيىنى خاپا قىلغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ ئامېرىكىنىڭ چۈشەنچە بېرىشىغا قارىماي، بۇنى ئىزچىل تۈردە ئۆزىگە نىسبەتەن تەھدىد ھېسابلاپ كەلگەن.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى، كوسوۋا مۇستەقىللىقى شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ گرۇزىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ، جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما بىلەن مېدۋېدېۋنىڭ ئۇچرىشىشىدا ھازىرچە باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىدىكى تالاش - تارتىش يەنىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئىككى پرېزىدېنت بۇ مەسىلىنى ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشىغا قالدۇرغان. ئەمما، ئوباما بىلەن مېدۋېدېۋ ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن ھەمكارلىشىشقا پۈتۈشكەن شۇنىڭدەك يەنە ئىراننىڭ يادرو قورالى مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشقا كېلىشىپ، بۇنى دىپلوماتىيىلىك يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك دېگەن قاراشقا كەلگەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، باراك ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن رۇسىيە تەرەپ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىللىتىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. پرېزىدېنت دىمىترىي مېدۋېدەۋمۇ بىر قانچە قېتىم رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ قېتىم مېدۋېدېۋ ئوبامانى رەسمىي تۈردە بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا موسكۋانى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. رۇسىيىلىكلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.