رۇسىيە ئاۋازى: خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىۋاتىدۇ

«رۇسىيە ئاۋازى» تور بېتىدە يېقىندا «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد
2012.12.25


ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: خىتاي يېقىندىن بۇيان قىرغىزىستانغا بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا كىرىشتى. بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغىزىستانغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلگەن: مەبلەغ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي شېركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىنىرگىيە ۋە كان بايلىقلىرىغا بولغان قىزىقىشىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. خىتاي شېركەتلىرى يېقىندا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا چوڭ تىپتىكى ئېلىكتىر ترانسفورماتور ئىستانسىسى قۇرۇشقا كىرىشتى ھەمدە بۇ خىلدىكى قۇرۇلۇش تۈرىنى قىرغىزىستاننىڭ شىمالىدىمۇ قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئوخشاشلا خىتاي شېركەتلىرى يەنە، پۈتۈن قىرغىزىستاننى قاپلىغان يۇقىرى بېسىملىق تۆك يەتكۈزۈش تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي قۇرۇلۇشچىلىرى يەنە 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ بېشكەك شەھىرىنىڭ غەربىگە 60 كىلومىتىر كېلىدىغان قارا بالتا شەھىرىدە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 800 مىڭ توننا بولغان نېفىت ئايرىش زاۋۇدى قۇرۇۋاتىدۇ. يەرلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

شۇنىڭغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستاننىڭ كەم ئۇچرايدىغان مىتاللار، رەڭلىك مىتاللار ھەمدە قىممەت باھالىق كان بايلىقلىرىنى قولغا كىرگۈزىۋىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى قىرغىزىستاننىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىشنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويغىنى يوق. 2012 - يىلى ئۆكتەبىردە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بېشكەك شەھىرىدە خىتاي تىلىدىكى مەكتەپ قۇرۇش تەلىپىنى تەستىقلىدى.خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ.

ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت كېڭەيمىچىلىكىدىن كىيىن سىياسى كېڭەيمىچىلىكىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەھلىلىدە.

پولشا خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ Interia تور بېتىدە يېزىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا بارغانسېرى سىڭىپ كىرىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەقسىتى يالغۇز پايدا تېپىشلا ئەمەس، ئۇلار ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسى مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى قوراللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە ئافغانىستاننى كونترول قىلىشقا كىرىشىشى نەچچە ئون يىل بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، بېيجىڭ ئافغانىستاننى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاسىيادىكى بىردىن - بىر ئىتتىپاقدىشى ئىران بىلەن بولغان ئارىلىقى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ. خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئىران بىلەن بولغان تاشيول قاتنىشى لىنىيىسىنى قۇرۇشنىڭ كويىدا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشسا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتىنى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق خىتايغا يۆتكەشنىڭ شەرتلىرى ھازىرلانغان بولىدۇ. بۇ پىلان خىتاينىڭ نېفىت توشۇغۇچى پاراخوتلىرىنى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ھەمدە ھىندى ئوكياننى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى دەپ قارايدىغان ھىندىستاننىڭ گىئوپولىتىكىلىق قامىلىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان. دېمەك، ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان كونتروللۇق خىتاينى ھىندىستاننىڭ تەسىرىدىن ساقلايدۇ، شۇنداقلا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقدىشى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشىگە شەرت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان رۇسىيە ھەربىي، سىياسى مەسىلىلەر تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كارامۇشكىن خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى سېتىۋىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى خىتايغا يەتمىسىمۇ، باشقا ئاماللار ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ خىتايغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رۇسىيە يىتەكچىلىكىدىكى كوللىكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقتىن، رۇسىيە بۇ تەشكىلاتتىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرالايدىكەن.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى تالىشىش كۆرىشىدە قازاقىستاننىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رۇسىيە ھەربىي، سىياسى مەسىلىلەر تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كارامۇشكىن خىتاينىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتكە قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى سېتىۋالالايدىغانلىقىنى، ئەمما قازاقىستاننىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ھالقىلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا قازاقىستاننى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگۈسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر مەيدان ئىلىشىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

http://chinese.ruvr.ru/2012_12_06/

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.