رۇسىيە خەلقئارادا يېتىم قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. چۈنكى رۇسىيىنىڭ، تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى.
رۇسىيە ئۆزىنىڭ گرۇزىيىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە گرۇزىيە تەۋەلىكىدىكى ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئېتىراپ قىلىش تۈپەيلى خەلقئارادا يېتىم قېلىش، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
رۇسىيە ئەسلى پەيشەنبە كۈنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ گرۇزىيە مەسىلىسىدىكى بېسىمىغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان ئىدى. لېكىن، رۇسىيە دۈشەنبەدىكى يىغىندا كۈتكەن ئۈمىدىگە ئېرىشەلمىدى.
رۇسىيە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 دۆلەتنىڭ رەسمى ئەزالىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر كۈنلۈك باشلىقلار يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئالماي، كاۋكازىيە ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيىنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، لېكىن ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولدى.
بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنداق دەيدۇ": شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر جەنۇبىي ئوسسېتىيە مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ۋەزىيەتنىڭ يېقىنقى جىددىيچىلىكىگە دىققەت قىلىدۇ شۇنداقلا تەرەپلەرنى مەۋجۇت مەسىلىنى تىنچ، سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ". بۇ شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەزا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك رايون خاراكتېرلىك بىر توقۇنۇشنى مۇزاكىرە قىلىشى ۋە توقۇنۇش توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرۈشىدۇر.
تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە چاقىرىلغان پەيشەنبە كۈنكى باشلىقلار يىغىنى غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت گرۇزىيە مەسىلىسى تۈپەيلى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، غەرب دۇنياسى رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى ھەرىكىتىنى "ئىغۋاگەرچىلىك" دەپ تەنقىدلەۋاتقان مەزگىلدە چاقىرىلدى. غەرب دۇنياسى رۇسىيىنىڭ فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىينىڭ سالاچىلىقىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلماي، گرۇزىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئۈزلۈكسىز قوشۇن تۇرغۇزىۋاتقانلىقى، ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە ۋە رۇسىيىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاقساراي رۇسىيىنى توقۇنۇش پارتلاشنىڭ ئالدىدىكى ھالەتكە قايتىپ كەلمىسە، رۇسىيە دۇچ كېلىدىغان ھادىسىلەرنى خاتىرىلەتتى.
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو پەيشەنبە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ "رۇسىيىگە قايسى تۈرلۈك ئېمبارگو قويۇش ئۈستىدە ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىنىڭ مەزمۇنىنى بىلمەيدىغانلىقى، لېكىن رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ش ئا ئو ئە ت باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن خەلقئارا شېرىكلىك مەسىلىسىنى ئويلىشىۋاتقانلىقى"نى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى دۆلىتى فرانسىيە بولسا رۇسىيىگە ئېمبارگو قويۇلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى 1 - سېنتەبىردە جىددى يىغىنغا چاقىرغان ئىدى. فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كوچېنېر يىغىندا رۇسىيىگە " ئېمبارگو قويۇشنى ئويلىشىدىغانلىقى شۇنداقلا باشقا تەدبىرلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن. ئۇ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا "بىز ناھايىتى كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن (گرۇزىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ) قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇۋاتىمىز،" دەيدۇ. دانا پەرىنو " بىز توقۇنۇش پارتلىغان 8 - ئاۋغۇستتىن بۇرۇنقى يەنى رۇسىيە گرۇزىيىگە بېسىم كىرىشتىن بۇرۇنقى ھالەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىستەيمىز... شۇنداقلا بىز رۇسىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىنتېگراتسىيە ھالىتىگە قايتىپ كېلىشىنى ئارزۇلايمىز..." دەپ كۆرسەتتى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ گرۇزىيىنى رۇسىيىگە قارشى كۈشكۈرتۈپ، گرۇزىيە بىلەن بولغان توقۇنۇشنى پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى CNN دە ئېلان قىلغان سۆھبىتىدە بەزى ئامېرىكىلىقلارنىڭ توقۇنۇش يۈز بەرگەندە گرۇزىيىدە ئىكەنلىكى، ئۇلار ئامېرىكىدىكى سايلامغا قاتناشقان بىر نامزاتنىڭ سىياسى ئۇتۇغى ئۈچۈن توقۇنۇشنى ئۇلغايتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو پۇتىننىڭ بايانىنى "ئەمەلىيەتكە سىغمايدىغان ئورۇنسىز گۇمان" دەپ رەت قىلدى.
شاڭخەي گۇرۇھىدىكى خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيىنى قوللىمىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىينىڭ سالاچىلىقىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخباراتتا " شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر دۆلەتلەر موسكۋانىڭ 12 - ئاۋغۇست كۈنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي ئوسسېتىيە توقۇنۇشىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى 6 ماددىلىق پرىنسىپنى قارشى ئالىدۇ شۇنداقلا رۇسىيىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى قوللايدۇ"، دەپ تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىدا خىتاينىڭ ھەل قىلغۇچ رولى بارلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى تەلىپى خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئەھۋالدا خىتاينىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە مۇستەقىللىقىنى قوللىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر خىتاي بۇ ئىككى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلسا، بۇ "دەرەخنىڭ شېخىدا ئولتۇرۇپ غولىنى كەسكەنلىك بىلەن باراۋەر" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
دۈشەنبەدىكى يىغىندا يەنە دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. رۇسىيە مەتبۇئاتى يىغىننىڭ ئاخباراتىنى تۈزگەندە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ناھايىتى ئېغىر پىكىر ئىختىلاپى كېلىپ چىققانلىقىنى، رۇسىيە يىغىننىڭ ئاخباراتىغا گرۇزىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.