رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە، ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيە مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىشەلمىدى

بىر مەھەل خەلقئارا جەمئىيەتنى زىل - زىلىگە سالغان گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە جەنۇبىي ئاسسېتىيە ھەم ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىدىن كېيىن، مەزكۇر توقۇنۇشنى قانداق ھەل قىلىش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى، بۈگۈن رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە جەنۋەدە تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان بولسىمۇ، بىراق سۆھبەت بۇزۇلۇپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

تۇنجى قېتىم بىر يەرگە كېلىش

كاۋكازىيە رايونىدا مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققەت كۈن تەرتىپىدىن داۋاملىق ئورۇن ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىدە رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە تەرەپ رەسمىي سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلمىگەن ئىدى. ئاخىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە كاۋكازىيە كرىزىسى ھەققىدە چارشەنبە كۈنى جەنۋەدە رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ باردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆھبەت يېپىق تۈس ئالغان بولۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېچىلمىغان ئىكەن. سۆھبەتكە رۇسىيە تەرەپتىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گرىگورىي كاراسىن، گرۇزىيە تەرەپتىن بىر نەپەر مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپمۇ ۋەكىللىرىنى قاتناشتۇرغان.

سۆھبەت يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ھەمكارلىق ھەم بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ئىگە بولغان. بولۇپ، ۋاقتى بىر كۈنگە بېكىتىلگەن ئىدى. 8 - ئايدىن بۇيان ئاران قولغا كەلگەن بۇ ئۇچرىشىش ب د ت باش كاتىبى بانكىمون تەرىپىدىنمۇ ئالقىشلانغان. بىراق، رۇسىيىنىڭ "نېۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۇچرىشىش ئۇزۇنغا بارماي، بۇزۇلۇپ، ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەن ھەمدە ئۆزارا بىر - بىرىنى سۆھبەتنى بۇزغانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن.

سۆھبەت بۇزۇلۇپ كەتكەن

رۇسىيىنىڭ "نېۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلى، رۇسىيە تەرەپنى سۆھبەتنى بۇزغانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ،" گرۇزىيە تەرەپنىڭ قۇرۇلۇش خاراكتېرلىق كەيپىياتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن جىددىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى بولۇشىغا قارىماي رۇسىيە ۋەكىللىرى سۆھبەتنى تاشلاپ قويدى، ئۇلار خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق ئۇرۇش ۋاقتىدا قىلغاندەكلا ئىش قىلدى، رۇسىيىنىڭ ھەرىكىتى گرۇزىيىنىڭ مۇستەقىللىق ھەم زېمىن پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى توختىتالمايدۇ" دېگەن .

سۆھبەتنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتنىشىش مەسىلىسىگە چېتىشلىق بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ مەزكۇر ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنى ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا گرۇزىيە ۋەكىللىرى بۇنى رەت قىلىپ مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. رۇسىيە تەرەپ گرۇزىيە ۋەكىللىرىنى سۆھبەت مەيدانىدىن چىقىپ كەتتى دەپ ئەيىبلىگەن.

ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنى سۆھبەتنى بۇزغانلىق بىلەن ئەيىبلىشىدىن قەتئىي نەزەر رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گرىگورىي كاراسىن بۇ سۆھبەتنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن يەنىلا ئەمەلگە ئاشقانلىقى، يەنى تۇنجى قېتىم ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋەكىللىرىنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق سورۇنغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىزھار قىلغان.

سۆھبەت ساركوزىي - مېدۋېدېۋ كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى مۇمكىن

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى بۇ تۇنجى ئۇچرىشىشتا دەسلەپكى قەدەمدە پەقەت تېخنىكىلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىش كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان بولۇپ، گرۇزىيە مۇمكىن قەدەر ئۆز قوشۇنلىرىنى جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىگە قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ جاينى گرۇزىيىنىڭ تەۋەلىكىدە ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما، رۇسىيە بولسا بۇنىڭغا قەتئىي قارشى بولۇپ، ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن يانمىغان .

ئىككى ئايدىن بېرى مەزكۇر ئىككى دۆلەتنى رۇسىيە ۋە نىكاراگۇئادىن باشقا ھېچ قانداق دۆلەت ئېتىراپ قىلمىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بولسا، رۇسىيىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنى مۇستەقىل قىلىشىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ، رايوندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بىلەن تۈزۈلگەن گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئالتە تۈرلۈك كېلىشىمگە بىنائەن رۇسىيە ئاخىرى گرۇزىيىدىن قوشۇن چېكىندۈرگەن بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە چېكىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغان. بىراق، رۇسىيە يەنىلا ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە تەۋەسىدە ھەربىي بازا قۇرۇپ، 8 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تۇرغۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېڭى نارازىلىقلارغا سەۋەب بولماقتا.

8 - ئايدىكى بەش كۈن داۋاملاشقان گرۇزىيە - رۇسىيە ئۇرۇشىدا ئىككى تەرەپتىن بىر قانچە يۈز ھەربىي خادىم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، گرۇزىيە زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان شۇنىڭدەك ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىدىن ئىبارەت ئىككى رايونىدىن ئايرىلىپ قالغان. رۇسىيە تەرەپ غەربنىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ھەتتا رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدە رۇسىيىگە قاتتىق چارە قوللانسا، ئۇنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقى ھەمدە ناتو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئوز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى ۋە ب د ت ئىزچىل ھالدا تىبلىس بىلەن موسكۋانى سۆھبەت ۋە سىياسىي يول بىلەن كرىزىسنى ھەل قىلىشقا چاقىرماقتا.