يىغىندا رۇسىيىگە قاتتىق چارە كۆرۈش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئاساسلىقى ئىككى مەسىلە مۇزاكىرە قىلىندى
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىغىنىدا ئاساسلىقى ئىككى مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى پولشا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن قاتتىق چارە قوللىنىش، يەنە بىرى ئىتالىيە ۋەكىللىرىنىڭ رۇسىيىگە نىسبەتەن پەقەت تەنقىد قىلىش چارىسى قوللىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىتالىيە ۋەكىللىرىنىڭ تەلىپى، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىدىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىر قەدەر يۇمشاق چارە ھېسابلىنىدىكەن.
ئىختىلاپلار ۋە ئورتاقلىقلار
پولشا ئوتتۇرىغا قويغان قاتتىق چارە رۇسىيىگە نىسبەتەن سىياسىي - ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئېمبارگو قوللىنىش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش، چوڭ ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيە بازارلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى قىسقارتىش، ياۋروپا بانكىلىرىنىڭ رۇسىيە بانكىلىرىغا پۇل قەرز بېرىشىگە يول قويماسلىق، رۇسىيىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مال كىرگۈزۈشكە چەك قويۇش ھەتتا سوچىدا ئۆتكۈزىدىغان 2014 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بايقۇت ئېلان قىلىش ھەم باشقىلاردىن ئىبارەت. بۇنداق ئېمبارگو قويۇش تەلىپى پولشا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان لاتۋىيە، لىتۋا، ۋە ئېستونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر قوللىغان. مەزكۇر مەملىكەتلەر گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىغا ئەكىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.
رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيىگە نىسبەتەن ئېمبارگو قوللىنىش مەسىلىسىدە فرانسىيە، ئىتالىيە، گرېتسىيە، بولغارىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر ئەكسىچە پوزىتسىيە تۇتقان بولۇپ، فرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەسىلىدە ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكىرگە كېلىشى ئۈچۈن تىرىشماقتا. يۇقىرىقى ئىسمى ئاتالغان دۆلەتلەر ئېنېرگىيە جەھەتتىن رۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، رۇسىيە بۇ دۆلەتلەرنى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار رۇسىيىگە ئېمبارگو قوللىنىشنى قوللىمايدۇ. ئامېرىكا، بولسا ئىزچىل تۈردە رۇسىيىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە ھەمدە گرۇزىيىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن قايتا ئويلىنىش كېرەك، رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە ئارقىلىق ياۋروپانىڭ گېلىدىن بوغۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك دېگەندەك ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، رۇسىيىنىڭ ئەگەردە سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى تەركىبىدە داۋاملىق ھەمكارلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىسا گرۇزىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ رۇسىيىگە ئېنېرگىيە جەھەتتە بېسىم كۆرسىتىش ئىدىيىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
"شاڭخەيچىلەر" رۇسىيىنى قوللايدۇ
28 - ئاۋغۇست كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەندە، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر گەرچە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە ھېچ نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
خۇ جىنتاۋمۇ رۇسىيە رەھبىرى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشكەندە رۇسىيىنىڭ سوچىدا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى ھەمدە كاۋكازىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرمىدى. يۇقىرىقى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيە ئۈچۈن يەنىلا قوللاش بولۇپ ھىسابلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
خەلقئارا جەمئىيەت ئىزچىل رۇسىيىنى تەنقىد قىلماقتا
رۇسىيىنىڭ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غۇل - غۇلىسى كۈچەيگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇرۇنلا رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيىگە ئەسكەر كىرگۈزۈشىنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ ۋاسىتىچىلىقى ئاستىدا موسكۋا بىلەن تىبلىس ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمۇ تۈزۈلۈپ، رۇسىيە ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە رازى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر جەنۇبىي ئاسسېتىيە بىلەن ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كاۋكازىيە كرىزىسىنى يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە چىقارغان ئىدى.
ئارقىدىنلا رۇسىيە، ناتو نىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆزىگە بېسىم كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنىمۇ توختاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن باشقا يەنە ھەتتا رۇسىيە سىياسەتچىلىرى ئارىسىدا رۇسىيە ياۋروپانى گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش كېرەك دەيدىغان پىكىرلارمۇ مەيدانغا چىققان. چۈنكى، رۇسىيە ياۋروپانى تەبىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەتتۇر.
رۇسىيىنىڭ غەرب بىلەن سوغۇقلىشىپ كېتىشى ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىقمۇ؟
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيىگە نىسبەتەن قاتتىق بىرەر قارار ئالالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. چۈنكى، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى رۇسىيە بىلەن زىچ باغلانغان. لېكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى خېلى ئۇزۇنغىچە جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى، بۇ ئەھۋال سەۋەبىدىن باشقا مەملىكەتلەرنىڭمۇ ئالدىراپ، رۇسىيە ھامىلىقىدىكى بۇ ئىككى يېڭى دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماي، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خۇددى تۈركىيە ھامىلىقىدىكى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، تەيۋەن ۋە باشقا جايلارغا ئوخشاش دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىدىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
بەلكى كاۋكازىيە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيىنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ سوغۇقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مۇنداق سوغۇقلۇق مەيلى غەرب ۋە ياكى رۇسىيىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگىلا زىيانلىق ئىكەنلىكى رۇس مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەكىتلەنمەكتە.