ستالىن ئالۋاستىمۇ ياكى قەھرىمانمۇ؟
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.04.16
2008.04.16
گرۇزىيىدىكى ئاددىي موزدوز ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىنلا ياخشى ۋە سىستېمىلىق مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ئىمكانىيەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمىغانلىقىغا قارىماي، 20 - ئەسىر تارىخىدىلا ئەمەس بەلكى، پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر دىكتاتور ھۆكۈمرانلار تىزىملىكىگە كىرگەن ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن رۇسىيە دېموكراتلىرى تەرىپىدىن 20 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق سەۋەبكارى دەپ ئەيىبلىنىپ، جاللاتلىق ۋە رەزىللىكتە ئالۋاستىغا ئوخشىتىلسىمۇ، بىراق يېقىنقى ۋاقىتلاردىن رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇش، ئۇنىڭ ئوبرازىنى قەھرىمانلاشتۇرۇش خاھىشلىرى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.
ھەتتا بەزىلەر بۇنى ستالىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان 1924 - يىلىدىن 1953 - يىلىغىچە بولغان 30 يىل ئىچىدە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەۋجى ئالغان ستالىنغا چوقۇنۇش، ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇش كەيپىياتلىرىنىڭ ئىرسىيەت خاراكتېرلىق تەسىرى بىلەن باغلاپ چۈشەنمەكتە، چۈنكى، ستالىن دەۋرىنى باش كەچۈرگەن ، يەنى شۇ دەۋردە ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ۋە ئەسەبىيلەرچە چوقۇنغان خېلى كوپ ساندىكى بىر ئەۋلاد تېخى يېقىنقى يىللارغىچە ياشىدى ھەمدە ياشىماقتا.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشىغىچە بولغان 30 نەچچە يىل ئىچىدە ستالىن ئوبرازى ئاساسەن دېگۈدەك خۈنۈكلەشتۈرۈلۈپ بولۇندى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، سوۋىت كومپارتىيىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلمىشلىرى ستالىنغا ئارتىلىپ، لېنىن، ستالىن قاتارلىق سابىق سوۋېت كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى.
رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئەنگلىيە تارىخچىسى " ستالىن بۈگۈنكى دۇنيا ئۈچۈن ئەسلىدىن ئۇ كۈتكەندىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالدى، ستالىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ماركىسىزمنىڭ ئاساسلىق تەرغىباتچىسىدىن رۇسىيىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرۇلغان. بىر گرۇزىن باندىتىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىمپېراتورلىرىدىن بىرى يەنى ھاكىمىيەت، ئىمپېرىيە ۋە غالىبىيەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قېلىشى تەقدىرنىڭ ئاجايىپ چاقچىقىدۇر" دەيدۇ.
رۇسىيىنىڭ "يېڭى خەۋەرلەر "گېزىتىنىڭ ئېلان قىلغان ئاممىنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر رۇسىيىدە %42 رۇسىيىلىك رۇسىيىگە ستالىندەك داھىي كېرەك دەپ ھېسابلايدىكەن. بولۇپمۇ، ياشلارنىڭ ستالىنغا چوقۇنۇش كەيپىياتى يۇقىرى ھېسابلىنىدىكەن. %20 رۇسىيىلىك ستالىن ئەقىللىق داھىي، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇدرەتلىك قىلغان ۋە گۈللەندۈرگەن "دەپ قارايدۇ. %16 ئادەم بولسا، رۇسىيە خەلقى ستالىندەك داھىيدىن ئايرىلالمايدۇ، ھامان بىر كۈنى شۇنداق داھىي كېلىپ، تەرتىپ تۇرغۇزىدۇ" دەپ قارايدۇ. رۇسىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۈزۈلگەن تارىخ دەرسلىك ماتېرىياللىرىدا ستالىنغا "قەھرىمان" دەرىجىسىدە يۇقىرى باھا بېرىلگەن.
ھەتتا، يەنە بىر يېڭىلىق شۇكى، يېقىنقى يىللاردا رۇسىيىدە مىللەتچىلىك كەيپىياتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدە رۇسىيە رەسمىي دائىرىلىرىنىڭ قولى بارلىقى، ھەتتا ئەسلى ك گ ب ئورگىنىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ستالىنىزمنىڭ ھىمايىچىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەنگلىيە ستالىنشۇناسى سىمون مونتېفورى بۇ ھەقتە توختىلىپ، " پۇتىننى يېڭى ستالىن دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ستالىننى كەم دېگەندىمۇ يېرىم ئالۋاستى دەپ ھېسابلىغان، ئەمما ئۇ ستالىننىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنى پۇتىننىڭ يېڭى تارىخ دەرسىنى بېكىتىشى ئىسپاتلايدۇ، بۇ دەرسلىكتە ستالىن رۇسىيە بىسماركى، ھازىرقى زامان پېتىرى ھەم 20 - ئەسىردىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەر ۋە سىياسەتچى دەپ ئاتالغان" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەنگىلىيە تارىخشۇناسى يەنە ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيىدە ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلغان ئورۇنلار جايلاشقان بىنالارنىڭ بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىنالار قەد كۆتەرگەن بولسىمۇ، ئەمما، بۈگۈنكى رۇسىيىدە ستالىن دەۋرىدىكى قىرغىنچىلىق، ۋەھشىيلىك قىلغان ئورگانلارنىڭ بىنالىرى ۋە ئىشخانىلىرىنىڭ ھازىرمۇ بارلىقى ھەتتا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ 1931 - 1937 - يىللىرىدىكى ھەم 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ستالىننىڭ قۇربان قىلىۋېتىشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا ستالىن قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى قىرغىن قىلغان ئىدى.
ھەتتا بەزىلەر بۇنى ستالىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان 1924 - يىلىدىن 1953 - يىلىغىچە بولغان 30 يىل ئىچىدە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەۋجى ئالغان ستالىنغا چوقۇنۇش، ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇش كەيپىياتلىرىنىڭ ئىرسىيەت خاراكتېرلىق تەسىرى بىلەن باغلاپ چۈشەنمەكتە، چۈنكى، ستالىن دەۋرىنى باش كەچۈرگەن ، يەنى شۇ دەۋردە ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ۋە ئەسەبىيلەرچە چوقۇنغان خېلى كوپ ساندىكى بىر ئەۋلاد تېخى يېقىنقى يىللارغىچە ياشىدى ھەمدە ياشىماقتا.
ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئوبرازى خۈنىكلەشتۈرۈلگەن ئىدى
1953 - يىلى ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن 1956 - يىلىغا كەلگەندە, خرۇشېۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى كوم پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تەرىدىن تەنقىد قىلىنىش بىلەن ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى مۇقىملاشتۇرۇلغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭ قاتۇرۇلغان جەسىتى دەپنە قىلىۋېتىلگەن، ھەيكەللىرى چېقىلغان ۋە ياكى ئېلىۋېتىلگەن ئىدى. ئەنە شۇنداق ئۇنىڭ ئوبرازىنى مۇبالىغە قىلىشلارغا خاتىمە بېرىلىش داۋاملىشىپ , گورباچېۋ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنىڭ جىنايەتلىرى پاش قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشىغىچە بولغان 30 نەچچە يىل ئىچىدە ستالىن ئوبرازى ئاساسەن دېگۈدەك خۈنۈكلەشتۈرۈلۈپ بولۇندى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، سوۋىت كومپارتىيىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلمىشلىرى ستالىنغا ئارتىلىپ، لېنىن، ستالىن قاتارلىق سابىق سوۋېت كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى.
ستالىننى سېغىنىدىغانلار كۆپەيمەكتە
ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس ۋە ستالىنشۇناس سىيمون سىبېگ مونتېفورى يېقىندا "ياش ستالىن" ماۋزۇلۇق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، خەلقئارالىق مۇكاپاتقا سازاۋەر بولغان. ئۇ ستالىن ۋە ستالىنىزمنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن بەلكى، بۈگۈنكى رۇسىيە جەمئىيىتىدىكى ستالىنغا بولغان قاراش ھەم ستالىنىزمنىڭ تەسىرى ۋە باشقا مەسىلىلەرنىمۇ كۆزەتكەن ھەمدە تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ستالىنىزىمنىڭ رۇسىيىدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئەنگلىيە تارىخچىسى " ستالىن بۈگۈنكى دۇنيا ئۈچۈن ئەسلىدىن ئۇ كۈتكەندىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالدى، ستالىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ماركىسىزمنىڭ ئاساسلىق تەرغىباتچىسىدىن رۇسىيىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرۇلغان. بىر گرۇزىن باندىتىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىمپېراتورلىرىدىن بىرى يەنى ھاكىمىيەت، ئىمپېرىيە ۋە غالىبىيەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قېلىشى تەقدىرنىڭ ئاجايىپ چاقچىقىدۇر" دەيدۇ.
رۇسىيىنىڭ "يېڭى خەۋەرلەر "گېزىتىنىڭ ئېلان قىلغان ئاممىنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر رۇسىيىدە %42 رۇسىيىلىك رۇسىيىگە ستالىندەك داھىي كېرەك دەپ ھېسابلايدىكەن. بولۇپمۇ، ياشلارنىڭ ستالىنغا چوقۇنۇش كەيپىياتى يۇقىرى ھېسابلىنىدىكەن. %20 رۇسىيىلىك ستالىن ئەقىللىق داھىي، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇدرەتلىك قىلغان ۋە گۈللەندۈرگەن "دەپ قارايدۇ. %16 ئادەم بولسا، رۇسىيە خەلقى ستالىندەك داھىيدىن ئايرىلالمايدۇ، ھامان بىر كۈنى شۇنداق داھىي كېلىپ، تەرتىپ تۇرغۇزىدۇ" دەپ قارايدۇ. رۇسىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۈزۈلگەن تارىخ دەرسلىك ماتېرىياللىرىدا ستالىنغا "قەھرىمان" دەرىجىسىدە يۇقىرى باھا بېرىلگەن.
ستالىننىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىش، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئالغان كوچا ناملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دولقۇنى قوزغالدى
ئەڭ قىزىق يېرى شۇكى، نۆۋەتتە، رۇسىيىنىڭ بەزى كوچىلىرىغا قايتىدىن ستالىننىڭ نامى بېرىش تەلەپلىرى ھەم ئۇنىڭ ھەيكىلى قايتىدىن تىكلەش تەشەببۇسلىرى مەيدانغا چىققان ھەتتا يېقىندا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ياقۇتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرى ھۆكۈمەتتىن ستالىننىڭ چوڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە كراسنويارسك قاتارلىق جايلاردىمۇ شۇنداق تەشەببۇس ئوتتۇرىغا چىققان.ھەتتا، يەنە بىر يېڭىلىق شۇكى، يېقىنقى يىللاردا رۇسىيىدە مىللەتچىلىك كەيپىياتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدە رۇسىيە رەسمىي دائىرىلىرىنىڭ قولى بارلىقى، ھەتتا ئەسلى ك گ ب ئورگىنىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ستالىنىزمنىڭ ھىمايىچىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەنگلىيە ستالىنشۇناسى سىمون مونتېفورى بۇ ھەقتە توختىلىپ، " پۇتىننى يېڭى ستالىن دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ستالىننى كەم دېگەندىمۇ يېرىم ئالۋاستى دەپ ھېسابلىغان، ئەمما ئۇ ستالىننىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنى پۇتىننىڭ يېڭى تارىخ دەرسىنى بېكىتىشى ئىسپاتلايدۇ، بۇ دەرسلىكتە ستالىن رۇسىيە بىسماركى، ھازىرقى زامان پېتىرى ھەم 20 - ئەسىردىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەر ۋە سىياسەتچى دەپ ئاتالغان" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەنگىلىيە تارىخشۇناسى يەنە ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيىدە ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلغان ئورۇنلار جايلاشقان بىنالارنىڭ بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىنالار قەد كۆتەرگەن بولسىمۇ، ئەمما، بۈگۈنكى رۇسىيىدە ستالىن دەۋرىدىكى قىرغىنچىلىق، ۋەھشىيلىك قىلغان ئورگانلارنىڭ بىنالىرى ۋە ئىشخانىلىرىنىڭ ھازىرمۇ بارلىقى ھەتتا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ستالىن مىليونلىغان ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ستالىن دەۋرىدىكى ئارخىپلارنىڭ پەيدىن - پەي ئېچىلىشى ھەم تەتقىق قىلىنىشى نەتىجىسىدە ستالىننىڭ 30 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە 20 مىليوندىن 25 مىليونغىچە ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى پەرەز قىلىندى. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش ھەم كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش دەۋرى، 1937 - 1938 - يىللىرىدىكى چوڭ تازىلاش ۋە باشقا ھەرىكەتلەر مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ھەم ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان.ئۇيغۇرلارمۇ ستالىننىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان
ئۇيغۇرلارمۇ ستالىننىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1919 - 1921 - يىللىرىدىكى يەتتە سۇدىكى ھەم پەرغانە ۋادىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشلار ،1927 - 1932 - يىللىرىدىكى كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش ھەم 1937 - 1938 - يىللىرىدىكى "خەلق دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش" ھەرىكەتلىرىدە مىڭلىغان سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ھەم قولغا ئېلىنىپ، سىبىرىيە ئەمگەك لاگىرلىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، قايتىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.ئۇيغۇرلارنىڭ 1931 - 1937 - يىللىرىدىكى ھەم 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ستالىننىڭ قۇربان قىلىۋېتىشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا ستالىن قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى قىرغىن قىلغان ئىدى.