رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاندرېي ئارتىزوفنىڭ قارىشىچە، يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىيىتى سۈپىتىدە ساقلانغان مەزكۇر ئارخىپلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى رۇسىيىنىڭ 1940 - يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پولشا ھەربىي خادىملىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشىغا نىسبەتەن تولۇق ئاشكارىلاش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "1 - نومۇرلۇق خالتا" دەپ ئاتالغان مەزكۇر ھۆججەتلەر ئۇزۇن مەزگىل سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئارخىپىدا، كېيىن پرېزىدېنت ئارخىپىدا ساقلىنىپ، ئاخىرىدا رۇسىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي - سىياسىي ئارخىپخانىسىنىڭ ستالىنغا ئائىت ئارخىپ فوندىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
1992 - يىلى، ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ پولشا ھەربىي - خادىملىرىنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسىگە ئائىت مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى پرېزىدېنت بورىس يېلتسىن تەرىپىدىن پولشا پرېزىدېنتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن شۇنىڭدەك ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا پولشا ھۆكۈمىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر ئەڭ مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى پولشاغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە سىياسەت قاتلىمىدىمۇ، 1940 - يىلىدىكى كاتىن قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر بۇ قىرغىنچىلىقنى سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋ د ( ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى) ئورگىنى ئەمەس، بەلكى گىتلېر ئارمىيىسى ئېلىپ بارغان دەپ قارىماقتا. ئەمما، تارىخىي پاكىتلار ۋە ھۆججەتلەر بۇ جىنايەتنى ستالىن ھۆكۈمىتى سادىر قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن بولۇپ، پولشالىقلار بۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇ ھەمدە ۋارشاۋا شەھىرىدە كاتىن قۇربانلىرى ئۈچۈن خاتىرە ئورنى تەسىس قىلىنغان.
ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پولشالىق جەڭچى - ئوفىتسېرلارنى قىرغىن قىلىش قىلمىشى تاكى گورباچېف دەۋرىگىچە سىر ساقلانغان بولۇپ، بۇ ۋەقە مەيلى كوممۇنىستىك پولشادا، مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا بولسۇن، مۇتلەق تۈردە سىر تۇتۇلۇپ، ئۇنى گىتلېر گېرمانىيىسى يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىق دەپ رېئاللىق بۇرمىلاپ چۈشەندۇرۈلگەن ئىدى. ئاخىرقى ئىككى يىل ئىچىدە بۇ مەسىلە پولشا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى ھەمدە رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە پرېزىدېنت دمىترىي مېدۋېدېۋلار كاتىن قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ، بۇ يىل 10 - ئاپرىلدا رۇسىيىنىڭ سمولىنسك شەھىرى يېنىدىكى كاتىن ئورمانلىقىدا مەزكۇر قىرغىنچىلىقنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى پىلان قىلغان. بىراق، مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان پولشا پرېزىدېنتى لېخ كاچىنسكىي باشلىق پولشانىڭ بىر قىسىم ئالىي ھەربىي - سىياسىي رەھبەرلىرى دەل ئەشۇ قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن سمولىنسك شەھىرى يېنىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ئۆلۈپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئىدى.
مانا بۈگۈن بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن رۇسىيە مەزكۇر ئەڭ مەخپىي ئارخىپلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى.
بۇ مەخپىي ھۆججەتنىڭ بىرى 1940 - يىلى، مارت ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى بېرىيانىڭ ستالىنغا يازغان خېتى بولۇپ، بۇنىڭدا ن ك ۋ د ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى") نىڭ تۈرمىلىرىدە ۋە ئەسىرلەر لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پولشا ھەربىي خادىملىرىنى ئېتىش ھەققىدىكى تەكلىپى" دىن ئىبارەت.
بۇ ھۆججەتلەر ئىچىدە يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ۋە ستالىننىڭ بۇ ھەقتىكى قارارى ھەمدە سىياسىي بىيۇرونىڭ 1940 - يىلى 5 - مارت كۈنىدىكى "بېرىيانىڭ پولشا ھەربىي خادىملىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپىگە قوشۇلۇش قارارى" قاتارلىقلارمۇ بار. بېرىيانىڭ خېتىدە 14 مىڭ 736 پولشالىقنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى يېزىلغان.
كاتىندىكى قىرغىنچىلىق
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلار بويىچە ئالغاندا، 1940 - يىلى، 5 - مارت كۈنىدىكى سىياسىي بيۇرونىڭ قارارىغا بىنائەن سمولىنسك شەھىرى يېنىدىكى كاتىن، ئۇكرائىنىيىنىڭ خاركوۋ شەھىرى يېنىدىكى پىياتىخانكا ھەم تۋېرسكىي ئۆلكىسىدىكى مېدنوم ۋە باشقا جايلاردا 22 مىڭغا يېقىن پولەك ھەربىي خادىمى ھەم باشقا پولشا پۇقراسى كوللېكتىپ ھالدا ئۆلتۈرۈلۈپ كۆمۈۋېتىلگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر كاتىن ئورمانىلىقىدىلا 4000 دىن ئارتۇق پولشالىق كوللېكتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. كاتىندىكى قىرغىنچىلىق گىتلېر گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، 1943 - يىلى گېرمانلار تەرىپىدىن پاش قىلىنغان بولۇپ، گىتلېر گېرمانىيىسى مەزكۇر جىنايەتنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق موسكۋا ئۇنى گېرمانلارغا دۆڭگىگەن ئىدى.
پولشا ھەربىي خادىملىرى قانداق بولۇپ، رۇسلارنىڭ قولىغا چۈشتى؟
1939 - يىلى، 1 - سېنتەبىردە گىتلېر گېرمانىيىسى كەڭ كۆلەمدە پولشاغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئىككى ھەپتە ئىچىدە پولشا قوشۇنلىرىنى مەركىزىي رايونلاردا تار - مار قىلدى. ئەنە شۇ چاغدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى پولشانىڭ شەرقىي تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، پولشانىڭ شەرقىي تەرەپلىرىنى ئىشغال قىلدى. پولشا قوشۇنلىرى بىر تەرەپتىن گىتلېر گېرمانىيىسى، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى بىلەن ئىككى سەپتە سوقۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
پولشانى تەڭ يوقىتىش 1939 - يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بىنائەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، 18 - سېنتەبىردىن 27 - سېنتەبىرگىچە بولغان ئۇرۇش جەريانىدا زور ساندا پولشا جەڭچى - ئوفىتسېرلىرى قىزىل ئارمىيىگە ئەسىرگە چۈشتى. بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە پولشانىڭ خېلى كۆپ زېمىنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغان ئىدى.
ستالىن ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ پولشا ئەسىرلىرى ئۈچۈن كاتىن قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا يىغىۋېلىش لاگېرى قۇرغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
مېدۋېدېۋ تەقىپلەشلەرگە ئائىت باشقا ئارخىپلارنى ئېچىشقا ۋەدە بەردى
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت دمىترى مېدۋېدېۋ دانىيىدىكى سەپىرى جەريانىدا رۇسىيىنىڭ كوللىكتىپ باستۇرۇشلارغا ئائىت مەخپىي ئارخىپلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. " بىز بۇنىڭ بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىمىز، مەن شۇنداق ھېسابلايمەنكى، بۇ بىزنىڭ قەرزىمىزدۇر" دەيدۇ پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ.
گەرچە، بۇ يەردە مېدۋېدېۋنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى ستالىننىڭ پولشالىقلارنى قىرغىن قىلىشىغا ئائىت بولسىمۇ، بىراق بۇ يەنىلا ئومۇمىيلىققا ئىگە بولسا كېرەك.
ئەگەر، راستىنلا مېدۋېدېۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا ئائىت باشقا ئارخىپلارنى داۋاملىق ئېچىشنى ئويلاشقان بولسا، 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىنىڭ ھەقىقىي سىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەمدە سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن مەخپىي ئارخىپلارنى ئېچىشنىمۇ كۈن تەرتىپكە قويۇشى مۇمكىنمۇ؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.