رۇسىيە قازاقىستاننى خىتاي بىلەن بولغان چېگراسىنى تەرتىپكە سېلىشقا چاقىرماقتا

قازاقىستان ۋە دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قورغاس چېگرا رايونىدا يۈز بەرگەن قاماققا ئېلىش ۋەقەلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالىلەرنىڭ بېسىلىشى داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ eurasianet ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان رىچارد ئوراندجنىڭ «رۇسىيە قازاقىستاننى خىتاي بىلەن بولغان چېگرا يوللىرىدا تەرتىپ ئورنىتىشقا چاقىرماقتا» ناملىق ماقالىسىدە، بېلورۇس ۋە قازاقىستان يېڭى تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، رۇسىيە قازاقىستاننى خىتاي بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «تاموژنا ئىتتىپاقى پەقەت بىر نەچچە ئايدىن كېيىن تولۇق ھالدا ئىش باشلايدۇ، ئەمما رۇسىيە ئەمدى قازاقىستان سودىسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئوخشايدۇ. يوشۇرۇن تۈردە كىرىۋاتقان خىتاي ماللىرىنىڭ ئۆز سودا بازارلىرىنى بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشلەنگەن رۇسىيە ئاستانىنى 1-ئىيۇلغىچە قازاقىستان-خىتاي چېگراسىدىكى تاۋارلارنىڭ ئۆتۈشىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا چاقىرماقتا.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1995-يىلى رۇسىيە ۋە بېلورۇس تاموژنا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ھەققىدە شەرتنامىگە قول قويغان ئىدى. 1996-يىلى مەزكۇر ئىتتىپاققا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان، 1998-يىلى بولسا تاجىكىستان كىرگەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا كېلىشىمى بويىچە تاموژنا ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىككى باسقۇچتا يۈرگۈزۈش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، بىرىنچىسىدا ئۆز-ئارا سودىدا ھەق ۋە ھەقسىز چەكلىمىلەرنى پۈتۈنلەي كۈچىدىن قالدۇرۇش، بىر پۈتۈن سودا تەرتىپىنى، ئومۇمىي تاموژنا باھالىرىنى ئورنىتىش پىلانلانغان ئىدى. ئىككىنچى باسقۇچتا ئىتتىپاقنى تەشكىل قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا رايونلىرىنى بىر پۈتۈن تاموژنا رايونىغا بىرىكتۈرۈپ، تاموژنا نازارىتىنى ئىچكى چېگرالاردىن ئىتتىپاقنىڭ تاشقى چېگراسىغا يۆتكەشكە كېلىشىلگەن. 1995-يىلى بىرىنچى باسقۇچ تاماملانغان. 1996-يىلى تاموژنا ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش چارىلىرى تەييارلىنىپ، تېگىشلىك ھۆججەتلەرگە قول قويۇش پىلانلانغان ئىدى. ئەمما ئىتتىپاق ئەزالىرى ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىختىلاپلار نەتىجىسىدە تەشكىلى ئىشلار تولۇق ھەل بولمىغان.

2007-يىلى بېلورۇس، رۇسىيە ۋە قازاقىستان يېڭى تاموژنا ئىتتىپاقىنى قۇرغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىتتىپاق ئالدىدا قويۇلغان بەزى شەرتلەر ساقلىنىپ قالغان. مەملىكەتلەر ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى دەرىجىسىدىكى دۆلەتلەر ئارا كېڭەشلەر مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ ئالىي ئورگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بۇ دۆلەتلەر چېگرالىرىدىكى تاموژنا ئورگانلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە مۇشۇ يىلنىڭ 1-ئىيۇلدىن تارتىپ تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيىتىنى باشلاش تەييارلىقلىرى كېتىپ بارماقتا.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرى خىتاي بىلەن بولغان قورغاس چېگرا رايونىدا بىر نەچچە يۇقىرى لاۋازىمدىكى شەخسلەرنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلار يوشۇرۇن مال ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق 130 مىليون دوللار پايدا كۆرگەنلىكىدە ئەيىبلەنمەكتە. تەشكىللەنگەن جىنايەتچىلەر توپى مەملىكەتكە قانۇنسىز ئاپتوموبىل ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق ھەپتىسىگە بەش مىليون دوللار تاپقان. خىتايدىن قازاقىستانغا ئۇزۇن ۋاقىت مابەينىدە يوشۇرۇن مال كىرگۈزۈش بىلەن شۇغۇللانغان يۈز ئادەمدىن تەركىب تاپقان جىنايى گۇرۇھ ئېنىقلانغان. بېلورۇس، قازاقىستان ۋە رۇسىيە كىرگەن تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، دېيىلىدۇ مەزكۇر ماقالىدە، قورغاس خىتاي ئۈچۈن 170 مىليون ئاھالىسى بار بازارغا كىرىدىغان دەرۋازىغا ئايلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشىنىشلىككى، رۇسىيە 1-ئىيۇلغىچە قاتتىق نازارەت چارىلىرىنى كۆرۈشكە قەتئىي تۈردە ئىنتىلمەكتە.

قازاقىستان مالىيە پولىتسىيىسى رەسمىي ۋەكىلىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە، ئاۋتوماشىنىلارنى يوشۇرۇن تۈردە ئېلىپ كىرگەن جىنايى گۇرۇھنى قولغا ئېلىش «پرېزىدېنتنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە باش پروكۇراتۇرنىڭ ماقۇللىشى» بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىكەن. تەكشۈرۈش ئىشلىرى جەريانىدا ئالماتا ۋە قورغاس رايونىدىكى بىر نەچچە ئۆي، بىنالار ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى ئاختۇرۇلغان.