بۈگۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقى، ب ب س، فوكس خەۋەرلىرى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى رۇسىيىدە يۈز بەرگەن پارلامېنت سايلىمى (دۇما سايلىمى) دىكى ئالدامچىلىققا قارشى نامايىشلار ۋە رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق نامايىشلارغا قارىتا ھەيۋە ئىپادىلىگەنلىكى توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى.
ب ب س بايان قىلىشىچە، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان رۇسىيىدە يۈز بەرگەن پارلامېنت سايلىمىدىكى ئالدامچىلىققا قارشى نامايىشلارنى كۆزىتىپ جىم تۇرۇۋاتقان باش مىنىستىر ۋلادىمىر پۇتىن بۈگۈن مەيدانغا چىقىپ، ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن «پۈتۈن رۇسىيە خەلق بىرلىكسەپ» ئىنىڭ ئەزالىرىغا، «ھازىر ئامېرىكا رۇسىيىدە توپىلاڭ قوزغاۋاتىدۇ» دېگەن. پۇتىننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىلارى كىلىنتون رۇسىيىدىكى پارلامېنت سايلىمىنى ھەم ئادىل بولمىغان ھەم ئەركىن بولمىغان سايلام دەپ سۆزلەپ، رۇسىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە ئىلھام بەرگەن. رۇسىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى شۇنىڭدىن رېغبەتلىنىپ پەيدا بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن ئۆكتىچىلەرگە قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن سۆز قىلىپ، رۇسىيىدە خۇددى قىرغىزىستان ۋە ئۇكرائىنىيىدىكىدەك «رەڭلىك ئىنقىلاب» نىڭ بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەگەر كىشىلەر قانۇن بويىچە ئىش قىلسا، ئۇلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئەمما بىز ھەر قانداق كىشىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىيەلەيمىز ۋە قوغدىيالايمىز، دەپ ھەيۋە قىلغان.
«فوكس» خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى نامايىش قىلماقچى بولغان كىشىلەر ئالدى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ رۇخسەت ئېلىش، نامايىش ئۈچۈن توپلانغان ئادەم سانى 300 دىن ئاشماسلىق دەپ بەلگىلىگەن. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان رۇسىيە دائىرىلىرى، ئەركىن نامايىشنى، بولۇپمۇ بۇنداق نامايىشچىلارنىڭ پۇتىننى قوللىغۇچىلارنىڭ نامايىش قوشۇنى بىلەن شەھەرنىڭ مەركىزى رايونلىرىدا توقۇنۇشۇپ قېلىشىنى قاتتىق چەكلەۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، شەنبە كۈنى كرېمىل سارىيى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئالدامچىلىقىغا قارشى نامايىشقا قاتناشماقچى بولغان ئادەم سانى 50 مىڭغا يەتتى. «ئىتتىپاقلىشىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات ھازىر يەنە، رۇسىيىدىكى 80 شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئالدامچىلىقىغا قارشى چوڭ نامايىشنى تەشكىللەۋاتىدۇ.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى 5-ئۆكتەبىر كۈنى، رۇسىيىدىكى 2011-يىللىق پارلامېنت سايلىمىنىڭ رەسمىيەتلىرىدە ئالدامچىلىق بارلىقىنى بايقىغان. بۇ قېتىمقى سايلامدا نازارەتچى بولۇۋاتقان تەشكىلاتلاردىن «گولوس» دەپ ئاتىلىدىغان ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان بىر تەشكىلاتلا 53 مىڭ ساختا سايلام بېلىتىنى كۆرگەزمە قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىلارى كىلىنتون ياۋروپا بىرلىكى كۆزەتكۈچىلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى رۇسىيە پارلامېنت سايلىمىنى ھەم ئەركىن بولمىغان ھەم ئادىل بولمىغان سايلام دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
شۇ كۈنى موسكۋادا، سايلام ئالدامچىلىقىغا قارشى نامايىش يۈز بېرىپ، نامايىشتا «رۇسىيىگە ئادىل سايلام كېرەك»، «رۇسىيىگە پۇتىن كېرەك ئەمەس»، «رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى ئالدامچى» دېگەن شوئار توۋلانغان ئىدى. گەرچە بۇ نامايىش 500 ئادەم قاتنىشىدۇ دەپ پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قاتناشقا ئادەم سانى 8 مىڭغا يەتكەن ئىدى. بۇ نامايىش ھازىر رۇسىيىدە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان رۇسىيە بىرلىكى پارتىيىسى ئۈچۈن، بولۇپمۇ بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان ۋلادىمىر پۇتىننىڭ كېلەر يىلى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا قايتىدىن سايلىنىش خىيالى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق نامايىش ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى گورباچېۋ بۈگۈن، ھازىرقى رۇسىيە ھۆكۈمىتى 2011-يىللىق پارلامېنت سايلىمىدا ئىناۋىتىنى يوقاتتى ۋە جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلدى، رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىنى قايتىدىن ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويدى.