چاررۇسىيە ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە كىتاب (2)

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئائىت ماتېرىياللاردا 20 ‏ - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاكى 40 ‏ - يىللارغا قەدەر بولغان دەۋىر ئىچىدە يالغۇز چاررۇسىيە مۇستەملىكىچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى لېنىن، ستالىن يېتەكچىلىكىدىكى سوۋىت قىزىل ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان تاجاۋۇزچى ئارمىيىنىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن تارتىپ كىرىپ، يەرلىك تۈركىي مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇش، ھاشارغا تۇتۇش، قولغا ئېلىش شۇنداقلا كوللىكتىپ قىرغىن قىلىشتەك ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار ئېلان قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئارخىپ ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن يازغۇچى سۇلتان جامال يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا دائىر توپلىغان يېڭى ھۆججەت ‏ - ماتېرىياللىرى ئاساسىدا بىر كىتاب يېزىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالماتادىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.