رۇسىيە بەششار ئەل ئەسەدنى قوغداپ قالالامدۇ؟

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، رۇسىيىنىڭ سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەسەدنىمۇ ئاخىرى تاشلىۋېتىدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. چۈنكى مۇندىن ئىلگىرى مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇناسىرنى، ئىراق رەئىسى ساددام ھۈسەيننى، لىبىيىنىڭ كازافىسىنى تاشلىۋەتكەن رۇسىيىنىڭ يەنە ئەينى سىنارىيىنى ئوينىمايدىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنچ قىلالمايدىكەن.

0:00 / 0:00


لوندوندا چىقىدىغان ئوتتۇرا شەرق گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى 13 - ئىيۇن سانىدا، يازغۇچى سەمىر ئاتاللانىڭ «رۇسىيە ئەسەدنى راستىنلا قوغدامدۇ؟» "دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

«رۇسىيىنىڭ چىرايلىق ۋەدىلىرىگە تۇنجى قېتىم ئالدانغان ئەرەب لىدېرى مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر ئىدى. 1967 - يىلى مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيىگە قاشى ئۇرۇشىدا، رۇسىيە ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە مىسىرغا خىيانەت قىلغان بولۇپ، مىسىرنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىلىشىغا سەۋەب بولغان. مىسىر رۇسىيىدىن يۈز ئۆرۈپ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن دوستلاشقاندىن كېيىنلا قەد كۆتۈردى ۋە ئالدىغا ماڭالىدى. ئەمما، رۇسىيىگە ئالدىنىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر زىيان تارتتى. رۇسىيە ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قوغداپ قالالمىدى. ئىراقنىڭ سابىق رەئىسى ساددام ھۈسەين ئۆزىنىڭ مىللىتىدىن بولغان ئىتتىپاقداشلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ رۇسىيىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ئىدى. 1991 - يىلى كۇۋېيتنى بېسىۋېلىشتىمۇ رۇسىيىنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنچ قىلىپ ئىش كۆرگەن، كۇۋېيتتىن چېكىنىشتىمۇ رۇسىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قوشۇن ئىراققا ھۇجۇم باشلاتقاندا رۇسىيە ئىراقنى قوغدىمىدى. كازافى رۇسىيىنىڭ دوستى ئىدى، كازافى ئامېرىكىغا خىيانەت قىلىش بەدىلىگە رۇسىيىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان بىر رۇسىيەپەرەس لىدېر ئىدى. ئەمما رۇسىيە كازافى ئۈچۈن قىلىنى تەۋرىتىپ قويمىدى. ئەمدى بەششارغا كەلگەندە ئۇنى قوغدامدۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس. رۇسىيە ئۇنى قوغدىمايدۇ. پەقەت ئىقتىسادىي غەرىزى ئەمەلگە ئېشىپ كۆزلىگەنلىرىنى ئۈندۈرىۋالسا تىكىۋېتىدۇ. بەششارنى ھەرگىز ئاخىرغىچە ھىمايە قىلمايدۇ».

بەششار ئىبرەت ئالمىدى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەد ئىلگىرىكىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىدىن ھازىرغىچە ئىبرەت ياكى دەرس ئالغان ئەمەس. زالىملار شۇنداق بولىدۇ. ئاللاھمۇ مۇنداق زالىملارنى ئىبرەتلىك جازالاش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلمايدۇ. چۈنكى زالىمنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ۋە شۇنىڭ بىلەن باشقىلارغىمۇ ئىبرەت بولىشى تەقەززا قىلىنىدۇ. پات يېقىندا پۇتىن بىلەن ئەسەدنىڭ دوستلۇقى دۈشمەنلىككە ئۆزگىرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بۇ زالىم ئابدۇناسىر بىلەن ساددامنى ھەسرەت بىلەن ئەسلەيدۇ.»