خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ رەت قىلىشى سۈرىيە ۋەزىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بەششار ئەل ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تېخىمۇ ۋەھشىلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغاننىڭ سىرتىدا، رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ھەربىي ۋە ئەسلىھە جەھەتتىن بىۋاسىتە قوللىشىغا ئېشىپ كەلمەكتە.
سۈرىيىنىڭ تەقدىرى ۋە سۈرىيىدىكى ئەرەب باھارىنىڭ كېلېچىكى ھەققىدە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەھلىل ۋە ئىنكاسلىرى ھەر خىل بولماقتا. تۆۋەندە ھەر قايسى ئەرەب مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن بىر قانچىسىنى نەقىل قىلىمىز:
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل مەدىنە» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى، 21 - ئىيۇن سانىدا «رۇسىيە سۈرىيىگە چېچىنىستاندا قىلغاننى قىلامدۇ ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«غەرب دۇنياسى ئەرەب ئەللىرىدە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەردىن بىئاراملىق ھېس قىلماقتا، ھەتتا ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ئارىلاشماسلىق ھەققىدىكى قارارلارمۇ ئېلىنماقتا. چۈنكى ھېچكىم ئوتنىڭ ئىچىگە كىرىشنى خالىمايدۇ. لوندوندا ئەرەب دۇنياسىنىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق چاقىرىلغان چوڭ يىغىننىڭ مەزمۇنىدىنمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ ئىشىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇلارنىڭ تەبىرى بويىچە ئەرەب ئەللىرى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغان، 21 - ئەسىرنىڭ تەھدىتلىرى ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ئاجىز بىر جەمئىيەت شەكلىنى ئالغان. تۇنىس، لىۋىيە، يەمەن ۋە مىسىرغا قارايدىغان بولساق، ۋەزىيەت ئىلگىرىكىدىن بەك يامان بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا يامان بولىۋاتىدۇ. نامايىشچى ياشلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى دېگۈدەك ئەمەلگە ئاشقىنى يوق. سىياسىيونلار ۋە تەھلىلچىلەر مىسىر توغرۇلۇق توختىلىشتىن ئاۋۋال سۈرىيە كرىزىسى ھەققىدە توختىلىپ، شۇنداق نەتىجىگە كەلدىكى، سۈرىيىدە بولىدىغانلارنىڭ ھېچبىرى ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرمەيدۇ. ئىلگىرىكىدەك يامان بولمىسىمۇ ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى سۈرىيىدىكى ئۇرۇشلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توختىمايدۇ. ئەسەدنىڭ ئادەملىرى بىلەن مۇستەقىل خەلق قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچ ئېلىشىش جەڭلىرى داۋام قىلماقتا. بۇنىڭ چارىسى يا بەششار ئەل ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتە داۋام قىلىشى ياكى سۈرىيىدىكى خەلق قوشۇنلىرىنىڭ تۈركىيىنىڭ ياردىمى بىلەن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشىدۇر. رۇسىيە تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئوچۇقلاپ ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيىدە مەنپەئەت باغلىنىشى بارلىقىنى، خۇسۇسەن ئامېرىكىنىڭ ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈرۈشنى خالايدىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ ئەسەدنى قوللاشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئوچۇق سۆزلىمەكتە».
ئەرەب مەتبۇئاتى: رۇسىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى مەۋقەسى ئاستىغا پۇتىننىڭ ستالىنچە سىياسىتى يوشۇرۇنغان
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ2012 - يىلى21 - ئىيۇن كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى سالىھ قالاب تەرىپىدىن «رۇسىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى مەۋقەسى ئاستىغا پۇتىننىڭ ستالىنچە سىياسىتى يوشۇرۇنغان» دېگەن تېمىدا يېزىلغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سۈرىيىدە كۆتۈرۈلگەن خەلق نامايىشىغا شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، رۇسىيىنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە سەلبىي مەۋقەسى سەۋەبلىك سۈرىيە كرىزىسى ھەل بولمىدى. رۇسىيىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتتى. رۇسىيىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش مەۋقەسى ئۆزگەرمىدى. باشتا ھەركىم رۇسىيىنى سۈرىيىدىن كۆزلىگەن مەنپەئەتىنى ئۈندۈرىۋالغاندىن كېيىن چوقۇم مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ھەتتا بەزىلەر رۇسىيە دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانلىقى يالغۇز ئامېرىكىغىلا قالماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلسا كېرەك دەپ تەھلىل قىلغان. ئەمما رۇسىيىنىڭ مەۋقەسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇنداقتا رۇسىيە نېمە ئۈچۈن مەۋقەسىدە چىڭ تۇرىدۇ؟ تەھلىلچىلەر بۇ سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ: ئەسەدنى قوللاش رۇسىيىنىڭ تاللىشى ئەمەس. بەلكى بىرلا رۇسىيە رەئىسى پۇتىننىڭ تاللىشىدۇر. چۈنكى پۇتىن 4 - ۋە 5 - قېتىملىق رەئىسلىك سايلىمىغا كىرىش چۈشىنى كۆرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىنى قازىنىش يولىدا ھەر خىل چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئويلايدۇ. پۇتىن گويا سۈرىيىنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش يالغۇز ئۆزىنىڭلا قولىدىن كېلىدىغاندەك، گويا ئۆزىنى ئامېرىكىنى يالۋۇرتۇپ سۈرىيە مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزىدىغان كارامەتكە ئىگە شەخستەك قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ دۇنياۋى ئابرويىنى كۆتۈرمەكچى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇتىننىڭ خام خىياللىرىدۇر. شۇڭا ئۇ سۈرىيە پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكنى ۋە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رۇسىيە خەلقىگە ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشنى كۆزلىمەكتە.»
0:00 / 0:00