سودا - ئىقتىساد جەھەتتىكى ھەمكارلىق
رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا بىر قاتار مۇھىم كېلىشىملەر ھاسىل قىلىنغان.
جۈمە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ سۆھبەت جەريانىدا رۇسىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ 2008 - يىللىق سودا مىقدارىنىڭ 32 مىلياردقا يەتكەنلىكىنى، ئاخىرقى ئون نەچچە يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ 35 ھەسسە ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن. پرېزىدېنت ئابدۇللا گۈل بولسا بۇنىڭدىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپەيتىلىپ، 40 مىلياردتىن 50 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.
پرېزىدېنت ئابدۇللا گۈل تۈركىيە تەرەپنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا - ئىقتىساد قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقلار بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈركىيىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئاتوم ئەنەرگىيىسى ساھەسىدىكى شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ساياتھەچىلىكمۇ تۈركىيىگە كۆپ پايدا كەلتۈرىدۇ، يەنى ھەر يىلى 2 مىليون ئەپراپىدا رۇسىيىلىك تۈركىيىگە ساياھەتكە ۋە سودا - سېتىق ئۈچۈن كېلىدىكەن.
رۇسىيە ئېنېرگېتىكا مىنىستىرى سېرگېي شىماتكو رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا رۇسىيىنىڭ ئالتە يىل ئىچىدە تۈركىيىگە ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ باھاسىنىڭ 18 - 20 مىليارد دوللارغا توختايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە بىلەن تۈركىيە رۇسىيە تەرەپنىڭ تۈركىيىگە 15 يىللىق مۆھلەت بىلەن ئېلېكتىر ئەنەرگىيىسى بېرىشكە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ، بارلىق كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 60 مىليارد دوللارغا توختىغان.
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، تۈركىيىنىڭ ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىنى رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شىركىتى خىتاي تەرەپمۇ تالاشقان بولۇپ، خىتاي مەزكۇر ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قۇرۇش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كوپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بىراق، بۇ قۇرۇلۇش رۇسىيىگە بېرىلگەن.
تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى
رۇسىيە ئانالىزچىسى گۇرىيېۋنىڭ يېزىشىچە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىمۇ يىلدىن - يىلغا ئاشقان بولۇپ، 2008 - يىلى، رۇسىيە تۈركىيىگە 28 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلغان. نۆۋەتتە، تۈركىيىگە كېلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ %70 رۇسىيىدىن كېلىدۇ.
رۇسىيىنىڭ "گاز پروم" شىركىتى تۈركىيىگە تېخىمۇ كۆپ گاز سېتىشقا ئىنتىلمەكتە. تۈركىيىمۇ رۇسىيە گازلىرىغا مۇھتاج بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇكرائىنىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى گاز جىدىلىدىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ ئۆزى ئارقىلىق تەبىئىي گازلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ياۋروپاغا چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، سامسۇڭ - جەيھان نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىپ، رۇسىيە نېفىتلىرىنى ئۆزىگە كىرگۈزۈش ۋە ياۋروپاغا ماڭدۇرۇشقا قىزىقماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيە ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە.
قازان زىيارىتى
ئابدۇللا گۈل موسكۋا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تاتارىستاننى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، تاتارىستان پرېزىدېنتى مىنتەمىر شەمىيېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
تاتار ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇللا گۈلنىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر تۈركىي جۇمھۇرىيەتنى زىيارەت قىلىشى تاتارلارنى ھاياجانلاندۇرغان بولۇپ، تاتار پرېزىدېنتى بۇ زىيارەتنى " تارىخى ۋەقە"، "ئىككى قەرىنداش خەلقنىڭ تارىخىدىكى يارقىن سەھىپە " دەپ يۈكسەك باھا بەرگەن. جاۋابەن ئابدۇللا گۈل " بىزنىڭ تاتارلار بىلەن ئورتاق تارىخىمىز، ئورتاق مەدەنىيىتىمىز" بار دەپ ئەسكەرتكەن. مىنتەمىر شەمىيېۋ سۆزىدە يەنە " ئوخشاشلىققا ئىگە مەدەنىيىتىمىز، ئورتاق ئەنئەنىمىز، ئوخشاشلىققا ئىگە تىللىرىمىز ۋە ئورتاق دىنىمىز بىزنىڭ خەلقلىرىمىزنى بىرلەشتۈرىدۇ" دېگەن.
ئابدۇللا گۈل قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئىككى تەرەپ يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاندا تۈركىيە مەدەنىيەت مەركىزى، تۈركىيىدە تاتارىستان مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇشقا پۈتۈشكەن. تۈركىيە يەنە قازاندا كونسۇلخانە ئاچقان ئىدى.
ئورتاق تۈركچىلىك پىكىرلىرىنىڭ كونا مەنبەسى ھېسابلانغان تاتارىستان گەرچە موسكۋا بىلەن فېدېراتسىيىلىك كېلىشىمگە قول قويغان، رۇسىيىگە تەۋە جۇمھۇرىيەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆپلىگەن ھوقۇقلىرى بار ئالىي ئاپتونومىيە خاراكتېرىدىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتتۇر.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى ئابدۇللا گۈلنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىغانلىقى ھەمدە ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى يېزىشقان.