دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، 1919 - يىلى رۇسلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى كۆزىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇ رايوندا مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشقا تېخى بالدۇرلۇق قېلىدىغانلىقىنى، چۈنكى خەلقنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردە بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان تەقدىردە، ئۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، رۇسلارنىڭ شۇ دەۋردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ۋە 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىمۇ رۇسلار ئۆزلىرىگە قارشى تەھدىت دەپ قاراپ ئاغدۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، 1943 - يىللاردا ئامېرىكىمۇ شەرقىي تۈركسىتاندا بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ دەۋردىكى، رۇس، ياپونىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ كۈچلەرنىڭ سىياسىي تەسىرىگە ئۇچراپ مۇستەقىل بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.