رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

بۈگۈن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتايغا يېتىپ كېلىپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى رۇسىيە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۈگۈنكى زىيارىتى ئۇ رۇسىيىگە قايتا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن خىتايغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇچرىشىش-ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەسىرىگە قارشى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىدىن قوغداشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

رۇسىيە بىلەن خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە ب د ت سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاشتا ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئالالماي كېلىۋاتاتتى. ئۆتكەن ھەپتىلەردە سۈرىيىنىڭ ھۇلا يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن قىرغىنچىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۈنۈملۈك چارە تېپىشقا بولغان تەقەززاسىنى ۋە شۇنداقلا رۇسىيە ۋە خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ھۇلا قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن غەرب ئەللىرى رۇسىيە ۋە خىتاينى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئىككى دۆلەتكە قاراتقان چاقىرىقلىرىنى ئاشۇرغان بولۇپ، پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا بىرلىكى رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيىدىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بولغانلىقى مەلۇم.

«ئاسىيا خەۋەرلەر» قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا بىرلىكى باشلىقى خېرمىن ۋەن رومپۇي ۋە ياۋروپا كومىتېتى باشلىقى جوس بارروسو رۇسىيىنىڭ سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىپ، پۇتىننى سۈرىيە ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىپ، بەشەر ئەسەدنى كوفى ئاننان پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۆندۈرۈشكە چاقىرغان. ياۋروپا بىرلىكى باشلىقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن قىلغان سۆزىدە ئۇچرىشىشتا رۇسىيە ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئارىسىدا زىت پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئۇ، «بىز مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ھەر ئىككىلا تەرەپ قوشۇلىدىغان بىر ئورتاقلىق تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك» دېگەن. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا غەرب مەتبۇئاتلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلگىنى رۇسىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە ئائىت قىسمىنى ئەمەس، بەلكى ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئوخشاش ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارغا ئائىت قىسمىنى بەكرەك يورۇتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن خەلقئارانىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى بېسىمى ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە خىتايدا زىيارەت باشلىغانلىقتىن، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن چىقىدىغان نەتىجە قىزىقىش قوزغىدى. ئەمما، ئارزۇلارنىڭ ئەكسىچە بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن باياناتتا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ سۈرىيىگە قوراللىق ھەرىكەت قوللىنىشقا قارشى مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن «بۇ مەسىلىدە ئىككى دۆلەت ئورتاق پىكىرگە ئىگە» دېدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىننىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ «خىتاي ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىشەنچكە تايانغان ھەر تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىغان. ئەھدىنامىدىن سىرت بۇ ئىككى دۆلەت تىجارەت، ئېنېرگىيە ۋە ساياھەتچىلىك ساھەلىرى بويىچە 11 تۈرلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلغان ۋە 2015-يىلىغىچە ئىككى دۆلەتنىڭ تىجارەت سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلان قىلغان. پۇتىن بېيجىڭدىن بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاقلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ ساھەدە زور ھەمكارلىشىش پۇرسەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە، يادرو ئېنېرگىيىسى، ئېلېكتر، ئورمانچىلىق ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «خىتاي رۇسىيىنىڭ ياخشى دوستىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا سەھنىدىكى ئىشەنچلىك شېرىكى» دېگەن.

ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، خەلقئارانىڭ چوقۇم كوفى ئاننان پىلانىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «رۇسىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن.

ھازىر گرۇزىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىللارىي كىلىنتون بۇ باياناتلارغا جاۋابەن بۈگۈن باتۇمىدا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە ۋە خىتاينى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇشقا چاقىردى. كىلىنتون خانىم سۆزىدە بەشەر ئەسەدنىڭ تەختتىن ئايرىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ ،«ھۆكۈمەت ئۆزگەرمىگىچە سۈرىيىدە تىنچلىق ۋە ئىنسان قەدرى-قىممىتىنى تىكلەشنىڭ ئىمكانىيىتى» دېگەن.

ۋلادىمىر پۇتىن بۇ قېتىم يەنە بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.