گېرمانىيە مەتبۇئاتى: خىتاي بىلەن رۇسىيە بىر-بىرىنى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيىلىك تەھدىت دەپ قارىشىدۇ

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيىچىلىرىنىڭ قارشى تەرەپنى كەلگۈسىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىستراتېگىيىلىك رەقىب، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى يېقىندا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىكى مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بېرىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى بۇ ئىككى كوممۇنىست رەقىبلەرنىڭ كۆرۈنۈشتە ئىتتىپاقلاشقاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە يەنىلا بىر-بىرىدىن ھەزەر ئەيلەپ تۇرىدىغان رىقابەتچىلەردىن ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىچىلىرىنىڭ قارشى تەرەپنى كەلگۈسىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىستراتېگىيىلىك رەقىب، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيىدە چىقىدىغان «ئەينەك» گېزىتىنىڭ 6-ئىيۇن كۈنىدىكى سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ئالىملىرى تەرىپىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىنغا دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرىغا قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ئۈچۈن دېگەن پەتىۋا بىلەن بېرىلگەن خىتايچە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا (بۇ خىتاي تەرىپىدىن 2010-يىلى كۈزدە تەسىس قىلىنغان «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» نى كۆرسىتىدۇ) قارىتا پۇتىن ئىنتايىن مەنسىتمەسلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پەقەت بېيجىڭدىكى چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئىككى نەپەر رۇسىيىلىك قىزغا بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ھاۋالە قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن.

بۇ گېزىتتە يېزىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە گەرچە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدا بىر-بىرىنى قوللىشىپ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئىككى قېتىمدىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى رەت قىلىشقان بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى بۇ ئىككى كوممۇنىست رەقىبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېقىقى ئىتتىپاقلىقنىڭ بولۇشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن رۇسىيىنىڭ پۇتىن ھاكىمىيىتى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ شەرقى چېگراسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە يېڭىدىن يىراق شەرق تەرەققىيات مىنىستىرلىقى نامىدا يېڭى بىر مىنىستىرلىق تەسىس قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

«ۋيېنا گېزىتى» نىڭ 5-ئىيۇن سانىدا يېزىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىلا مەملىكەت پەردە ئارقىسىدا بىر-بىرىنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقتىن، ھېقىقى ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداشلاردىن بولۇش ھەققىدە سۆز قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رۇسىيىنىڭ ھەربىي سانائەت تارماقلىرى خىتاي ئارمىيىسىنى زور مىقداردىكى قورال-ياراقلار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ئىدى. بىراق خىتاينىڭ رۇسىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان قورال- ياراقلارنى تەقلىد قىلىپ ياساپ خەلقئارا بازارغا سېلىشى بىلەن رۇسىيىنىڭ قورال-ياراق ئېكسپورتى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، رۇسىيىنى نازۇك ھەربىي تېخنىكىلارنى خىتايغا سېتىپ بېرىشنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي گاز سودىسىدا ئۇزۇنغىچە پۈتۈشەلمەسلىك نەتىجىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتى رۇسىيىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئارقا ھويلىسى ھېسابلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۈندەككە كەلتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق رۇسىيىنى يەنە بىر قېتىم ئوڭدا قالدۇردى.

شۋېتسىيىدىكى ستوكھولم تىنچلىق تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتىدا يېزىلغاندەك مەيلى بېيجىڭ ياكى موسكۋا بولسۇن، ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى كەلگۈسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك شۇنداقلا ئەڭ زور ئىستراتېگىيىلىك تەھدىت دەپ قارايدۇ. بۇنى رۇسىيىدىكى خەلق رايىنى سىناشتا 79% رۇسىيىلىكنىڭ خىتاينى كەلگۈسىدىكى ئەڭ زور تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولغان.