رۇسىيە: خىتايلارنىڭ رۇسىيە تېررىتورىيىسىدە جۇڭگولۇقلار شەھەرچىسى قۇرۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ

«بۈيۈك ئېرا» تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇمدانوۋىسكى ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىغا بەرگەن بىر قېتىملىق باياناتىدا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خۇددى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە قۇرۇۋالغىنىغا ئوخشاش رۇسىيە تېررىتورىيىسىدە خىتاي شەھەرچىلىرىنى قۇرۇشىغا ھۆكۈمەتنىڭ قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىگە بەكمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى تېپىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ ئەمەلدار، نۇرغۇن ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ساياھەتچى سالاھىيىتى بىلەن رۇسىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ھەر خىل قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق رۇسىيە پاسپورتىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە رۇسىيە پۇقراسى نامى بىلەن ياۋروپا ئەللىرىگە ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يېڭىلا بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈۋاتقان شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ رۇسىيىدىن كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئېقىمىنى توسۇش مەقسىتىدە، رۇسىيە پاسپورتى بىلەن چېگرادىن ئۆتكەن خىتايلارنى رۇسىيىگە قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ رۇسىيە ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيە جەمئىيىتىگە سىڭىپ كېتىشى قىيىن بولغانلىقى ھەمدە سانىنىڭ كۆپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلار رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە توپلىشىپ ياشاش ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دائىرىدە ئامېرىكا ھەم باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكىگە ئوخشاش خىتاي شەھەرچىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن رۇسىيىدە سودا قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ھەر خىل ئاماللار بىلەن يەر سېتىۋېلىش، ئولتۇراق بىنالارنى قۇرۇش شۇنداقلا بۇ بىنالارغا پۈتۈنلەي كۆچمەن خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ھالدا ئىلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

رۇسىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كارۋىلىسكىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى رۇسىيىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.

-ئەگەر سىز موسكۋادىكى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللارنى ۋاراقلاپ كۆرسىڭىزلا، بۇلار موسكۋادا قۇرۇۋالغان يەر ئاستى بانكىلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى ھەمدە بۇ كۆچمەنلەرنىڭ رۇسىيىدە تاپقان ئاقچىلىرىنى بۇ كاناللار ئارقىلىق توختىماستىن خىتايغا يوللاۋاتقانلىقىنى بايقايسىز،‏- دەيدۇ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى كارۋىلىسكى.

نۆۋەتتە رۇسىيە ئەمگەك كۈچلىرىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق شۇنداقلا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇمدانوۋىسكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر رۇسىيىدىكى يەتتە مىليونغا يېقىن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى خىتايلار تەشكىل قىلىدىكەن ھەمدە بۇ سان بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ.