رۇسىيە - خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە يېڭى ياۋرو - ئاسىيا سىياسىتى

ئامېرىكىنىڭ 44 - قېتىملىق پرېزىدېنتلىقىغا باراك ئوباما سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ياۋرو - ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە كۆپلەپ ماقالىلار ئېلان قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن بىرى تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت گېزىتى بىلەن تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيە مەركىزى ئورتاقلىشىپ چىقىرىۋاتقان `ئىستراتېگىيە` ناملىق ژۇرنالنىڭ 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان `رۇسىيە خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە يېڭى ياۋرو - ئاسىيا سىياسىتى` ماۋزۇلۇق ماقالىدۇر.

ماقالىنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى بارىش ئادىبەللى ئەپەندى يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكىدىكى سايلامدىن كېيىن قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروئاسىيا سىياسىتى، رۇسىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە تەلەپلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان.

ئۇ ماقالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىنلارنىڭ چاقىرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىغىنلاردا ياۋرو - ئاسىيادىكى تەڭپۇڭلۇقتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىنى يازغان.

ئۇيغۇر مەسىلىسى

ئۇ ماقالىسىنىڭ بىرىنچى كىچىك تېمىسى بولغان ئۇيغۇر `سورۇنۇ` يەنى `ئۇيغۇر مەسىلىسى` ناملىق قىسمىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: " 8 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 16 خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئوخشاش نۇرغۇن ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمگە قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىنى ۋە ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خۇ جىنتاۋ بۇ يىغىندا يەنە ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەرنىڭ تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئالغان پۇل ۋە قورال ياردەملىرىنىڭ ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنى توسۇش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى."

بارىش ئادىبەللى ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا قەشقەر ۋە كۇچار قاتارلىق يەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدا ئەسكىرى جەھەتتىمۇ تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، ئەسكەر يىغقانلىقىنى يازغان.

مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە "فىنانسال تىمەس" گېزىتىدە 8 - ئايدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇنداق قاتتىق قوللۇق سىياسىتى داۋام قىلىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ جىھات قىلىش روھىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە تۇنجى قېتىم دۆلەت قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ ۋە ئادەتلىرىگە خىتايلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى يازغان. ماقالىنىڭ ئاپتورى بارىش ئادىبەللى ئەپەندى بۇلاردىن ياۋرو - ئاسىيادىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئەسلىدە يۇقىرىدىكىلەردىن ياۋرو - ئاسىيادىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈۋالالايمىز. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ جىھات قىلىشىدىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كېلەچەكتە پەلەستىنگە ئوخشاپ قېلىشىدىن قورقۇدۇ."

ئۇيغۇرلارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان كۆز قارىشى

ئىستراتېگىيە ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان رۇسىيە، خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە يېڭى ياۋرو - ئاسىيا سىياسىتى ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئۇيغۇرلارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان كۆز قارىشى ياخشى ئەمەس. ئۇيغۇرلار بۇ تەشكىلاتنى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دۈشمەنلىرى قۇردى دەپ قارايدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغان ئىككى چوڭ دۆلەت رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇ تەشكىلاتنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا. بۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى بىئارام قىلماقتا."

خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خەتەرلىك قىمار ئوينىماقتا

بارىش ئادىبەللى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خەتەرلىك قىمار ئويناۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن قېچىپ خەتەرلىك قىمار ئوينىماقتا. خىتايلار خاتا سىياسىتى بىلەن ئامېرىكا ۋە رۇسىيىگە كوزىر يارىتىپ بەرمەكتە."

ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇستەقىللىق مەسىلىسى

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: " ئۆزلىرىنى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئەۋلادلىرى دەۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈن مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە دۇچار بولماقتا. 1990 - يىللاردا تۈركىيىنىڭ ئادرىياتىكتىن سەددىچىنگىچە تۈرك دۇنياسى شوئارى خىتايلارنى قورقۇتقان ئىدى. ئەمما 11 سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خەلقئارا ۋەزىيەت خىتايلارغا پايدا ئېلىپ كەلدى. خىتايلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ رامكىسى ئىچىگە كىرگۈزۈپ تۇرۇپ كۈرەش قىلىشقا تىرىشتى يەنى ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ئۇيغۇرلار ئالدىدا ئىككى يول بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىرىنچىسى ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ تۈگەش، ئىككىنچىسى بولسا، مۇستەقىللىق. ئەمما مەنچە ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغىنى بۇ ئىككى يول ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچىنچى بىر يول."

بارىش ئادىبەللى ئەپەندى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى يىللاردا چەتئەللەردە كۈچلىنىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەر خىل كۆز قاراشقا ئىگە ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولغان تەقدىردىمۇ ئافغانىستانغا ئوخشاش ئىچكى جېدەلدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى يازغان.

ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ياۋرو - ئاسىيا سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئاستا ئاستا چېكىنىپ، ئافغانىستانغا ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.