9 - ماي كۈنى، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېف، باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا رۇسىيە ئارمىيىسى تۇنجى قېتىم ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ 65 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ تۆت كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن دالاي لامانىڭ يارىشىشىغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى "نوۋوستى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋانىڭ مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى ئىشلار رەھبىرىنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆز رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئېيتىلغان.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف سۆزىدە يەنە، دىنلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما دىنىي ئامىللارنىڭ سىياسەت تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
سېرگېي لاۋروف يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن دالاي لامانىڭ مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ " بىز دالاي لاما بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىشىغا قىزىقىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دالاي لامانىڭ قالمىقىيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق بۇددىستلار رايونىنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقە قالماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم بۇددىستلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. ئەمما، دالاي لاما 2004 - يىلى، بىر قېتىم رۇسىيىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى "نوۋوستى" نىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى رۇسىيىنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى موڭغۇل تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان قالماق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي ئورگىنى "قالمىقىيە بۇددىستلار بىرلەشمىسى" رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروفقا مەكتۇپ يوللاپ، دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، بۇ تەلەپ رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. موسكۋا دائىرىلىرى قالمىقىيە تەرەپكە مەكتۇپ يوللاپ، ۋىزا بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئورتاق خاتىرىلەيدىغان مەزكۇر يىلدا دالاي لامانىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشى بېيجىڭ تەرەپكە ئالاھىدە دەرىجىدە ئېغىر كېلىدۇ" دەپ ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە يەنە بۇنىڭ "رۇسىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى"گە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
رۇسىيە تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىدىكى بۇددىستلارنىڭ سانىنىڭ 700 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم. رۇسىيە بۇددىستلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ۋولگا دەرياسى بويىدىكى قالمىقىيە، جەنۇبىي سېبىرىيىدىكى تۇۋا ۋە بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيەتلىرى ھەمدە سانكتپېتېربۇرگ، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقالغان بولۇپ، قالمىقىيە، بۇرىياتىيە ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى بۇددىستلارنىڭ كۆپىنچىسى لاما مەزھىپىگە مەنسۇپتۇر. ئۇلار، دالاي لامانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەلۇمكى، 9 - ماي كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن غالىبىيەت مۇراسىمىغا قاتنىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېف، باش مىنىستىر ۋلادىمىر پۇتىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇ، مېدۋېدېف بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئائىت تۆت خىل تەكلىپ بەرگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ مەزكۇر تۆت خىل تەكلىپى ئىچىدە خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئورتاق پىكىر بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقىملىقنى قوغداش ۋە "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ بار.
سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن بىلەن سابىق خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن "خىتاي - رۇسىيە دوستلۇق، ئىناق قوشنىدارچىلىق شەرتنامىسى" ئىمزالىغاندىن تارتىپ، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىدە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئارىسىدا ئورتاق مەيدان شەكىللەنگەن بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى رۇسىيە تەرەپتىن ئىزچىل تۈردە مەزكۇر مەسىلىلەردە خىتاينى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي رۇسىيىنىڭ چېچىنىيە ۋە باشقا رايونلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە رۇسىيىنى ئاشكارا يوسۇندا قوللىمىغان ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىندا قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن پرېزىدېنت باقىيېفنى ئاغدۇرۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەقەسىدىمۇ سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىش ئىپادىسىنى بىلدۈرمىگەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا تەرەپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئىقتىسادىي ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە سابىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئىستىپا بېرىشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ دۆلىتىدىن كېتىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتە ئىچكى ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى موسكۋا ھەربىي پاراتىغا 65 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، پولشا قاتارلىق 2 - جاھان ئۇرۇشى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم ساندىكى قوشۇنلىرى قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان دۆلەت قاتارىدا سانايدىغان خىتاينىڭ قوشۇنلىرى تەكلىپ قىلىنمىغان ئىدى.
ھازىرچە، رۇسىيىنىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىنىڭ تۈپ ماھىيىتى ئېنىق ئاشكارا بولمىسىمۇ، بىراق رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن خىتاينىڭ كېلىشىشىگە ياردەملىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى بىر يېڭىلىق بولسا كېرەك؟! چۈنكى، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۇنياسى ئىزچىل تۈردە خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.