ياپونىيىنىڭ رۇسىيە بىلەنمۇ ئارال ماجىراسى قوزغالدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كۇرىلدىن بايان قىلىشىچە، خانۇيدا ئېچىلغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنلا، بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشقا كۆزەتچى بولۇپ قاتنىشىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمىترى مېدۋېدېف يىغىندىن كېيىن 'جەنۇبىي كۇرىل ئاراللىرى' نى زىيارەت قىلدى.

0:00 / 0:00

رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمىترى مېدۋېدېف 11‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنى ئەتىگەندە، خانويدىن رۇسىيىنىڭ ساخالىنىسكى شەھىرىگە، بۇ شەھەردىن يەنە كېچىك ئايروپىلان بىلەن كۇرىل ئاراللىرىغا كېلىپ، رۇسىيە ئۆزىنىڭ 'جەنۇبىي كۇرىل ئاراللىرى' دەپ ئاتاۋاتقان، ئەمما ياپونىيە 'شىمالىي تېررىتورىيىمىزدىكى تۆت ئارال' دەپ كېلىۋاتقان جايلارنى زىيارەت قىلغان. بۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ تالاش - تارتىشتىكى ئاراللارغا تۇنجى قېتىم قەدەم بېسىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مېدۋېدىف كۇرىل ئاراللىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئارال ماجىراسى قوزغالدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىف كۇرىل ئاراللىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئارال ماجىراسى قوزغالدى. ھازىر خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئارال ماجىراسى تېخىچە بېسىقماي تۇرۇۋاتاتتى.

ياپونلار رۇسىيىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى

مېدۋېدىف كۇرىل ئاراللىرىغا كەلگەندىن كېيىنلا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكان بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ 'مېدۋېدېفنىڭ رۇسىيە قانۇنسىز ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ياپون ئاراللىرىغا قەدەم باسقانلىقىغا ئەپسۇسلىنىمەن' دېدى. رۇسىيىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا، ياپونلار رۇسىيە پرېزىدېنتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياپونىيىنىڭ ئىنكاسىنى 'قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ھەرىكەت' دەپ ئەيىبلىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋرۇۋ توكيونىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇنى 'قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ھەرىكەت' دەپ ئەيىبلىدى ۋە كۇرىل ئاراللىرىغا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ جاكارلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 'ياپونىيىنىڭ كۈنى تەس بولدى' دېدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىف جەنۇبتىكى مىڭ ئارالغا كېلىپ (خىتاي بۇ خەۋەردە 'جۇڭگونىڭ كۇيې ئاراللىرى' دەپ كېلىۋاتقان بۇ ئاراللارنى مىڭ ئارال دەپ ئاتىدى) رۇسىيىنىڭ زېمىن ھوقۇقىنى جاكارلىدى، ياپونىيىنىڭ بۇ ئاراللارنى ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى دەپ كېلىۋاتقانلىقىغا پىسەنت قىلمىدى، ھازىر ياپونىيىنىڭ كۈنى تەس بولدى، دەپ بايان قىلدى.

كۇرىل ئاراللىرى مەسىلىسىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى

فرانسىيە ئاگېنتلىقى بۈگۈن كۇرىل ئاراللىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئامېرىكا 1945‏ - يىلى 6‏ - ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيىگە ئاتوم بومبا ئاتقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى 8‏ - ئاۋغۇست كۈنى، يەنى ياپون مېلىتارىزىمى تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلاشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى تۆت ئارىلىنى، كۇرىل ئاراللىرىنى بېسىۋالغان. بۇ ئاراللارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونچە نامى ھازىرغا قەدەر رۇسچىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن ياپونچە 'كۇناشىزى' ئارىلى رۇسچىدا كۇناشىر، ياپونىيىدىكى 'خابوماي' ئارىلى رۇسچىدىمۇ خابوماي، ياپونىيىدىكى 'شىكوتان'ئارىلى رۇسچىدىمۇ شىكوتان، ياپونىيىدىكى 'ئېتوروفۇ' ئارىلى رۇسچىدا ئىلتۇرۇپ دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىنېرال بايلىقلىرى مول بولغان كۇرىل ئاراللىرىنى رۇسىيە بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئاراللاردا 19 مىڭ ياپون بار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1946‏ - يىلىدىلا ئۇلاردىن 17 مىڭنى قازاقىستان، ئۈزبېكستانلارغا كۆچۈرۈۋەتكەن. كېيىن، 1956 ‏ - يىلى ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا بۇ ئاراللار مەسىلىسى بۇيىچە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەندە، نىكتا خېروشېف ئىككى ئارالنى، يەنى شىكوتان، خابوماي ئاراللىرىنى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان. ئەمما 1991 ‏ - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغۇچە گېپىگە ئەمەل قىلمىغان.

ياپونىيە يىللاردىن بۇيان كۇرىل ئاراللىرىنى رۇسىيە قانۇنسىز ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ياپون زېمىنى دەپ جاكارلاپ، رۇسىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. رۇسىيە بولسا، بۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ دەپ جاكارلاپ كەلمەكتە.

ياپونىيە ۋېيتنام بىلەن يادرو ئىستانسىسى ۋە سىرەك تاپا كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت 'ياپونىيىنىڭ كۈنى تەس بولۇپ قېلىۋاتقان' ۋەزىيەت ئەمەس

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېفنىڭ بۈگۈن ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئاراللىرىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەسلىدىكى ياپونىيىنىڭ زېمىنى بولغان كۇرىل ئاراللىرىغا بېرىپ، ئەمدى بۇ ئاراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلايدىغانلىقى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئوتتۇرا رۇسىيە سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەنلىكى، خۇددى ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكان ئېيتقاندەك 'ياپون خەلقنىڭ دىلىغا قاتتىق ئازار بەرگەنلىك' بولدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، مېدۋېدېفنىڭ بۈگۈن كۇرىل ئاراللىرىغا بارغان ۋاقتى، خانۇيدا ئېچىلغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ۋېيتنام ياپونىيىنى ئۆزىگە ئىقتىسادىي شېرىك تاللىۋېلىپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە سىرەك توپا كېلىشىمى ئىمزالاپ ئەمەلىي ھەمكارلىق باشلاپ يېڭى تارىخ ياراتقان، رۇسىيە ئۆزىنىڭ قەدىناس سەپدېشىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان؛ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يەنە 10 نەچچە كۈندىن كېيىن ياپونىيىدە ئۇچرىشىپ، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئارال ماجىراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان؛ خەلقئارادا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت، خەلقئارالىق مەسىلىلەردە تېخىمۇ چوڭ رول ئويناش ئۈچۈن، بۈگۈن دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەت، خۇددى خىتاي دېگەندەك 'ياپونىيىنىڭ كۈنى تەس بولۇپ قېلىۋاتقان' ۋەزىيەت ئەمەس.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.