رۇسىيە ھەربىي رازۋېتكا خادىمى كورنىلوفنىڭ 'قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستان' ناملىق كىتابىدا ئېيتقانلىرى(1)

رۇسلار، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ئەڭ بۇرۇن ۋە ئەڭ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي - سىياسىي ئەھۋاللىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئەھۋالى 19 - ئەسىردىن تارتىپلا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مول ماتېرىياللار توپلانغان ئىدى.

0:00 / 0:00

سابىق چار رۇسىيە ھەربىي رازۋېتكا خادىملىرى 19 - 20 - ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بۇ جاينىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە رۇسىيە رەھبەرلىرىگە مەسلىھەت بەرگەن ھەمدە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 1903 - يىلى تاشكەنت شەھىرىدە نەشر قىلىنغان رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ پود پولكوۋنىكى كورنىلوفنىڭ "قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستان" ماۋزۇلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى كورنىلوف چار رۇسىيىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا جايلاشتۇرۇلغان تۈركىستان ھەربىي رايونى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇ 1899 - يىلى، قەشقەرىيىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مول ماتېرىيال توپلىغان. مەزكۇر ئەسەر ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.