رۇسلار ئارىسىدا 40 يىل ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلىغان ئادەم

ئۆز ۋەتىنى ۋە يۇرتىدىن ئايرىلىپ، باشقا مەملىكەتلەر ۋە خەلقلەر ئارىسىغا تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى كۆپ. ئۆز مىللىي تىلى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

0:00 / 0:00

رۇسىيىنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشايدىغان ھەمراجان ئەپەندى 40 يىلدىن بۇيان رۇسلار ئارىسىدا ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر شەخستۇر.

ئەسلى قازاقىستاننىڭ يەركەت تەۋەسىدە تۇغۇلغان ھەمراجان ئەپەندى 16 يېشىدىن تارتىپ، رۇسلار ئارىسىدا ياشاشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشاۋاتقانلىقىغا بۇ يىل 27 يىل بولغان. ھەمراجان ئەپەندى 5 يىلدىن بۇيان رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا "ئەمرەن" ناملىق تور بېتى چىقىرىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى تەشۋىق قىلماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.