تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى رۇخسار دەمىرەل خانىم بىلەن سۆھبەت

2012-يىلى تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش-كېلىشلەر تېزلا كۆپەيدى. كۆپ ساندا تۈرك پارلامېنت ئەزاسى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە خىتايغا بېرىپ زىيارەت قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى. خىتاي كېيىنكى يىللاردا رۇخسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارنى كۆرۈپ كەلگەن بەزى تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بۇلاردىن بىرى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى پارلامېنت ئەزاسى رۇخسار دېمىرەل خانىمدۇر.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن سېكرېتارى رۇخسار دېمىرەل خانىم 2012-يىلى 1-ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيىدە ئېچىلغان 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى توسقان ۋاقتىدا يىغىن زالىغا كېلىپ تۈرك ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ھەتتا مەتبۇئاتقا بايانات بېرىپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.