ئادۋوكات سېبىن ۋەلىت : خىتاي ھۆكۈمىتى، ' تېررورچى ئۇيغۇر' ئوبرازىنى يارىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ

بىر قىسىم غەرب مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورچىلىق ھەرىكىتىگە چېتىش پائالىيىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ غەرب دۆلەتلىرىدە خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە باشلىغان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بەزى غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ۋە زىيالىيلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە بولۇپمۇ ئامېرىكىدا تونۇلۇشىغا چوڭ ھەسسە قوشۇۋاتقان، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باش ئادۋۇكاتى سېبىن ۋەلىت، يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، بۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى دىققەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ ھەقتە سېبىن ۋەلىت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.