موسكۋادا سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى پرېزىدېنتلىرى باش قوشتى

"قازاقىستان تودېي" ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 9-دېكابىر كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف رۇسىيە پايتەختى موسكۋاغا كەلگەن. ئۇ تاموژنا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى دۆلەتلەر ئارا كېڭىشى ئالىي ئورگىنىنىڭ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ھەم شۇنداقلا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ مەملىكەتلەر باشلىقلىرىنىڭ كېڭىشى قاتارلىق ئۈچ سىياسىي تەشكىلات مەجلىسلىرىگە قاتنىشىشنى پىلانلىغان.

0:00 / 0:00

رۇسىيىنىڭ "گازېتا رۇ" تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان "پرېزىدېنتلار يىغىلىشى.

مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ئەللىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرى بىر پۈتۈن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىدۇ" ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بېلورۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو، ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيېف ۋە مولداۋىيە پرېزىدېنتى مىخاي گىمپۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا تەستىقلىغان. كۆزەتكۈچى يۇرىي دراكوخرۇست ئا. لۇكاشېنكونىڭ يېقىندا ئاستانادا ئۆتكەن يىغىندا رۇسىيە پرېزىدېنتى دىمىترىي مېدۋېدېف بىلەن ئۇچراشمىغانلىقىنى، د. مېدۋېدېف ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئوچۇق ۋە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قاتنىشىشىسىز مەزكۇر تەشكىلاتلار يىغىنلىرىدىكى مەسىلىلەرنى "ھەل قىلىشنىڭ ئوڭاي بولمايدىغانلىقىنى" ئېيتقان. ماقالىدە شۇنداقلا م.گىمپۇ ۋە ئى. ئالىيېفلارنىڭمۇ موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بەزى سۈركىلىشلەرنىڭ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مولداۋىيە پرېزىدېنتى مۇشۇ يىلى موسكۋادا ئۆتكەن ئۇلۇغ غالىبىيەتنىڭ 65 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەنتەنىگە كېلىشتىن باش تارتقاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەر بۇزۇلۇشقا باشلىغان، ئەمدى مولداۋىيىدە سوۋېت باسقۇنچىلىقى كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن ۋە گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخايىل ساكائاشۋىلىنىڭ يېقىندا مولداۋىيىگە قىلغان سەپىرىدىن كېيىن بۇ مۇناسىۋەتلەر تامامەن كەسكىنلىشىپ كەتكەن. ئەزەربەيجان پرېزىدېنتىنىڭ بولسا د. مېدۋېدېفنى سىرتتىن رەنجىتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، "ۋىكىلىكس" خەلقئارالىق تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ئى. ئالىيېف رۇسىيە پرېزىدېنتىنى ئۆز قورشاۋىدىكىلەرنى نازارەت چىقالمايۋاتقانلىقىدا ئەيىبلىگەن. خەۋەرلەردە شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىمىلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ ھازىرچە بەلگىلەنمىگەنلىكى ئېيتىلغان.

بىر پۈتۈن ئىقتىسادى بوشلۇقتىكى كېلىشىم-ھوقۇق

رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېلورۇسىيە، قازاقىستان ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتلىرى تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرىقى ئورگىنى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەتلەر ئارا مەجلىسىدە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى بىرلەشمىسى دائىرىسىدە بىر پۈتۈن ئىقتىسادى بوشلۇقتىكى كېلىشىم-ھوقۇق ئاساسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى جاكارلىغان.

2009-يىلى 19-دېكابىردا تەستىقلانغان بىر پۈتۈن ئىقتىسادى بوشلۇقنى شەكىللەندۈرۈش بويىچە ھەرىكەت قىلىش پىلانىغا لايىق، مەزكۇر ھۆججەتلەر 2012-يىلنىڭ 1-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە. بۇ بېلورۇسىيە، قازاقىستان ۋە رۇسىيىنىڭ بىر پۈتۈن ئىقتىسادى بىرلەشمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىش باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خەلق تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلغان مەزكۇر دۆلەت پرېزىدېنتلىرى بىر پۈتۈن ئىقتىسادى بىرلەشمىسى ئىشىنىڭ باشلىنىشىنى خەلقلەر پاراۋانلىقىنى ياخشىلاش، دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائى-سىياسى تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە مەملىكەتلەر ئارا ئىقتىسادنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا، زىچ ئالاقىدار بولۇشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار شۇنداقلا قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭمۇ كېلەچەكتە تاموژنا ئىتتىپاقى ۋە بىر پۈتۈن ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى بوشلۇقىغا كىرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلغان ھەم باشقىمۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن مەزكۇر تەشكىلاتلار ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى بىرلەشمىسى خەلقئارا ئىقتىسادى تەشكىلات

ئىتار-تاسس مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى بىرلەشمىسى خەلقئارا ئىقتىسادى تەشكىلات بولۇپ، ئۇ قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمى تاشقى تاموژنا چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى، بىر پۈتۈن تاشقى ئىقتىسادى سىياسەتنى، ئومۇمىي سودا ئىشىنىڭ باھا جەدۋەللىرىنى، نەرقلىرىنى ئىشلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىلىق شەرتنامە 2000-يىلنىڭ 10-ئۆكتەبىر كۈنى ئاستانىدا بېلورۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە تاجىكىستان رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى. تەشكىلاتتىكى بايقىغۇچىلار ھوقۇقى 2002-يىلى مولداۋىيە ۋە ئوكرايىنىغا، 2003-يىلى ئەرمېنىيىگە، 2008-يىلى ياۋروئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىغا بېرىلگەن ئىكەن. تەشكىلات ئىقتىسادى تەرەققىياتى جەھەتتىن دۇنيادىكى ئالدىنقى ئون تەشكىلات تەركىبىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭغا ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 20،374 مىليون كۋادرات كىلومېتىرنى تەشكىل قىلىدۇ.
مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ بارلىق مەملىكەتلىرى مەيدانى بولسا 22 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بەش دۆلەت ئاھالىسىنىڭ سانى 181 مىليون ئادەمدىن، ئەمدى م د ھ ئاھالىسى بولسا 250 مىليونغا يېقىن ئادەمدىن ئىبارەت. م د ھ ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادى بايلىقىنىڭ 88 پىرسەنتى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى بىرلەشمىسىگە توغرا كېلىدۇ. بىرلەشمىنىڭ بىرىككەن ئومۇمىي كىرىمى 1406،8 مىليارد دوللارنى، تاۋار ئوبوروتى 120 مىلياردتىن ئوشۇق دوللارنى، سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپ چىقىش 789 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىدۇ. بىرلەشمە دۆلەتلىرى گاز زاپىسى بويىچە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدا گاز 29،3 پىرسەنتنى، كۆمۈر 20،7 پىرسەنتنى، نېفىت زاپىسى ئۆسۈشى 10 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ.

دۆلەتلەر ئارا كېڭەش بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالىي ئورگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى قاتلاملىق ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىگە پرېزىدېنتلار ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كىرىدۇ. 2007-يىلنىڭ 6-ئۆكتەبىردىن باشلاپ دۆلەتلەر ئارا كېڭەشكە رۇسىيە، بېلورۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ تاموژنا ئىتتىپاقى يۇقىرىقى ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىلىرى يۈكلەنگەن. دۆلەت باشچىلىرى يىغىنغا يىلدا بىر قېتىم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بولسا يىلىغا ئىككى قېتىم يىغىلىدۇ.

ھەر ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى مەزكۇر كېلىشىمگە يۇقىرى باھا بەرگەن. قازاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى ن.نازاربايېف چوڭ كرېمىل سارىيىدا مۇخبىرلار بىلەن بولغان سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: "مەجلىس يەكۈنلىرى بويىچە بىز بېلورۇسىيە جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر پۈتۈن ئىقتىسادى بوشلۇقىنى شەكىللەندۈرۈش توغرىلىق ھۆججىتىنى قوبۇل قىلدۇق. ھۆججەتتە بىز ئانالىزچىلىرىمىز تەرىپىدىن كۆپ ئىش قىلىنغانلىقىنى تەستىقلىغان ئىدۇق. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى چوڭ يولنى بېسىپ ئۆتتۇق. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى دۆلەتلىرىمىزنى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا يېقىنلاشتۇرىدۇ. بۇ بوشلۇق 2012-يىلنىڭ 1-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئۈچۈن ئوچۇق بولىدۇ.

تەشكىلاتنىڭ كوللېكتىپلىق تىنچلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ پائالىيىتى توغرىلىق ھۆججەت

شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا "رىئا نوۋوستى" ئاگېنتلىقى موسكۋادا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك توغرىلىق شەرتنامە تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ شۇ كۈنى تەشكىلاتنىڭ كوللېكتىپلىق تىنچلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ پائالىيىتى توغرىلىق ھۆججەتنى ماقۇللىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. مەزكۇر ھۆججەت تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە كاتىپلار كومىتېتى كېڭەشلىرىنىڭ بىرلەشمە مەجلىسىدە بېكىتىلگەن. "قازاقىستان تودېي" ئاخبارات ئاگېنتلىقى 10-دېكابىردا موسكۋادا بولىدىغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشىنى تەييارلاش دائىرىسىدە ئۆتكەن تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ مەجلىسىدە "بارلىق مەسىلىلەرنى" ھەمدە ئاساسىي لايىھىلەرنى، شۇ جۈملىدىن پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا ھەرىكەت قىلىش ۋە تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرىنى قوللىنىش ساھەلىرىدە تەشكىلاتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرىلىق لايىھىلەرنى كېلىشىش قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.