مەرھۇم سابىت ئابدۇراخماننىڭ ھايات پائالىيەتلىرى


2005.07.14

sabit-abduraxman.jpg
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى (تارتىلغان يىلى نامەلۇم)

ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىدىن شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي دەۋا پائالىيىتىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 14-ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولدى. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا مەرھۇم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك مىللىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىكەن.

مەرھۇمنىڭ ئەلەم كۈرىشى

سابىت ئابدۇراخماننىڭ سەپدېشى، 1940-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشلۇقى بولغان يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروۋنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 1928-يىلى قازاقىستاندا تۇغۇلغان، 30-يىللاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىپ، شۇ جايدا مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. 1944-يىلى ئىلى گىمنازىيىسىنى تۈگەتكەن.

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ كۈرەش ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ كۈرىشى ئىككى يول بىلەن يەنى قەلەم ۋە ئەلەم بىلەن بولغان. ئۇ 1944-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن غۇلجا شەھىرى ۋە باشقا جايلارنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە ئىشتىراك قىلغان. دەسلەپتە بىر ھەربىي ئەترەتنىڭ كاتىپى، كېيىن غېنى باتۇرنىڭ خۇسۇسىي كاتىپى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

سابىت ئابدۇراخمان مىللىي ئارمىيىنىڭ پروپۇرشىك دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولۇش سۈپىتى ئوتتۇرا يۆلۈنۈش فرونتىدا يەنى ماناس دەرياسى بويىدا تاكى 1948-يىلىغىچە تۇرغان. شۇنچە جەڭگىۋار مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا ئالغا ئىلگىرىلىمەستىن ياتقىنىدىن غەزەپلەنگەن سابىت ئابدۇراخمان باشقا مەسلەكداش جەڭچى-ئوفىتسېرلار بىلەن "ياش شەرقىي تۈركىستانچىلار" دەپ ئاتالغان مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ، ئارمىيە ئىچىدە دۈشمەنگە ھۇجۇم قوزغاپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۇش جېڭىگە ئاتلىنىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان. بىراق، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ئۇنى ھەربىي ئىنتىزامنى بۇزغانلىق بىلەن جازالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبەگ مۇنۇنوپ قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان.

سابىت ئابدۇراخمان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن يانماي كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 1958-يىلى تۈرمە جازاسى بېرىلگەن. 1967-يىلى بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاتىپ ئىشتىراك قىلغانلىقى ئۈچۈن يەنە ئون نەچچە يىل تۈرمىدە ياتقان.

مەرھۇمنىڭ قەلەم كۈرىشى

مەرھۇم سابىت ئابدۇراخماننىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى كېيىن ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسىلىك ۋەزىپىلىرىنى ھەمدە كېيىنچە ئۇيغۇرىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قەلەم كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي داۋاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخى تېمىلىرىدا كۆپلىگەن ماقالىلار، بىراشۇرىلار ۋە كىتابلارنى يازغان.

مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان سىياسىيون بولۇپلا قالماستىن، قەلىمى كۈچلۈك ئەدىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەۋەرلىك تېمىسى بويىچە كۆپلىگەن شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆز مىللىتى، ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان ئىدى. مەرھۇمنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن تولغان بۇ قەلب سىرلىرى ئۇنىڭ "ھايات مەشئىلى" ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا تولۇق نامايەن بولىدۇ.

بىر مەھكۇم مىللەتنىڭ دەۋاسىنى قىلغۇچى سىياسىيون بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەشۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى ياخشى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان، يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىكى تارىخى كەچۈرمىشلىرىگە ئائىت نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلاپ ئۆگىنىدۇ ھەم تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارىخىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، تارىخىي شەخسلەرگە ئىلمىي باھا بېرىپ، بىرتەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەم ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيىسى ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى كېيىن بۇ تېمىغا ئائىت نۇرغۇن ماقالىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغاندىن سىرت يەنە" شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى" ، "سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى"(2001)،" شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" قاتارلىق بىراشۇرىلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ. مۇئەللىپنىڭ بۇ كىتابچىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي رېئاللىقنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، يەنە بىر تەرەپتىن ياش ئەۋلادلارنى مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى، ئەلىخان تۆرە، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرگە بەرگەن باھالىرى ۋە كۆز قاراشلىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگىدۇر.

ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا چوڭ ھەجىملىك تارىخىي كىتاب ئۈستىدە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۈچ توملۇق بۇ ئەسىرىگە "ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى تارىخى" دەپ نام بەرگەن. بۇ ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇزخان دەۋرىدىن تارتىپ، تاكى ھازىرغىچە بولغان سىياسىي تارىخى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسەرنى يېزىشتا، ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، رۇسچە ۋە باشقا تىللاردىكى كۆپلىگەن ماتېرىياللاردىن پايدىلانغان.

مەرھۇمنىڭ ئارزۇسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخى، سىياسىي تارىخىنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىنى يورۇتۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستانى بولغىنىدەك مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش سالاھىيىتى ۋە ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرھلەشكە تىرىشقان. ئەپسۇسكى، پۈتۈن ئۆمرى جەڭ مەيدانلىرىدا، تۈرمىلەردە، سىياسىي كۈرەش سەپلىرىدە ئۆتكەن، ئەمما، ھېچ قاچان ماددى تۇرمۇش باياشاتچىلىقى كۆرمىگەن، بارلىق ۋۇجۇدىنى ھەتتا تاپقان –تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز مىللىتىگە ئاتىغان مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىرىك ئەسىرى" ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى تارىخى"نى يورۇققا چىقىرالماي قالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.