ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 11 بەتلىك بىر دوكلات تەييارلاپ تۈركىيىنىڭ چوڭ سىياسىي پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيىسىگە سۇندى. سائادەت پارتىيىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن مۇئاۋىن باشلىقى شەرەپ مالقوچ ئەپەندىلەر دوكلاتنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ قولىدىن ئالغاندىن كېيىن، پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىنى ئىسلام دۈنياسىنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن زامانغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.