پرېزىدېنت باراك ئوباما تەشەببۇس قىلىۋاتقان ساغلاملىق سۇغۇرتىسى نېمە ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

پرېزىدېنت باراك ئوباما ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسى ئامېرىكىدا مەخسۇس بىر قانۇن سۈپىتىدە تىكلەنگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ساقلىقنى ساقلاش قانۇنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن دېموكراتلار پارتىيىسى، پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ سىياسىتىنى قوللاپ، قانۇنىي يوسۇندا رەسمىي شەكىللەنگەن ئىدى. بىراق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى، ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىگە تەۋە بولۇشىنى خالىماي، بۇ قانۇن لايىھىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن كېيىنكى سايلامدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇلار ساغلاملىق سۇغۇرتىسى مەسىلىسىگە كەلگەندە بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەمدە كېڭەش پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزالىرى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى. جۇمھۇرىيەتچىلەر ئوخشاش بولمىغان ھەر قايسى شتاتلاردا، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزالىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن شتاتلاردا مەسىلەن، فلورىدا، ئارىزونا، يۇتا قاتارلىق شتاتلاردا بۇ قانۇننى ئىجرا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلماقتا. بۇلاردىن سىرت، فلورىدا شتاتىدىكى سوت مەھكىمىسى قارار چىقىرىپ، ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا بېرىپ تاقىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەرقايسى شتاتلار ئىجرا قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن شتاتلار، گەرچە قانۇن بولۇپ شەكىللەنگەن بولسىمۇ، بۇ، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ دېگەن ئوز پىكرىدە چىڭ تۇرماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، ئامېرىكىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل تالاش - تارتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىدە يەنە، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى يولغا قويۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلىتىدە خەلقنىڭ، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە دۆلەت ئىگىلىكىگە تەۋە بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر دۆلەت ئىگىلىكى دائىرىسى كېڭىيىپ كەتكەندە، دۆلەت مونوپوللۇقىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ تاللاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى، شۇڭا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ۋە بىر قىسىم خەلقنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ساغلاملىق سۇغۇرتىسى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئائىت بولغان تەقدىردە، سەھىيە ساھەسى سۈپىتىنىڭ ئالاھىدە تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىر قىسىم خەلقنىڭ كۆپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، يېرىم سوتسىيال تۈزۈلمىگە ئىگە دۆلەتلەردىن كانادا، ئاۋسترالىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەردە، پۈتۈن پۇقرالار ھەقسىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، داۋالاش سۈپىتىنىڭ ئالاھىدە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.