سالاملىشىش ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئەڭ ئاۋۋال سالاملىشىشتىن باشلايدۇ، سالاملىشىش ئارقىلىق تونۇشمىغانلار تونۇشىدۇ، تونۇشىدىغانلارنىڭ دوستلۇق مۇھەببىتى ئاشىدۇ، ھۆرمەت، ئىشەنچىسى چوڭقۇرلىشىدۇ. سالام ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك ئۇچرىشىشتا ئېيتىدىغان بىرىنچى ئەدەپ سۆزى.

0:00 / 0:00

"ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى " سىزگە ئامانلىق تىلەيمەن"دېگەنلىك بولۇپ، " ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ"دېگەن جاۋاب سالام" ئاللانىڭ ئامانلىقى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن"دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ ئارقىلىق بىر - بىرىگە بولغان قېرىنداشلىق ھۆرمىتىنى، ياخشى ئارزۇ - تىلىكىنى ئىزھار قىلىش بىلەن جەمئىيەتتە ئىناقلىق ۋە بىرلىكنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇللا ھاجىم ئۇيغۇرلاردىكى سالام بېرىشىش ئادىتىنىڭ تارىخىي جەريانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" سالام بېرىش ئۇزاق تارىختىن بىرى داۋاملىشىپ، قېنىمىزغا سىڭىپ ئېسىل پەزىلەت، گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتكە ئايلىنىپ كەلگەن بىر ئەنئەنە. مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قانداقلا بىر جايدا ۋە قانداقلا بىر ۋاقىتتا بىرەر مۇسۇلماننى ئۇچراتسا ئۇنى تونۇش ياكى ناتونۇش دېمەستىن دەرھال ئۇنىڭغا سالام بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام " ئىسلام دىنىنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى نېمە؟" دەپ سورالغىنىدا، " كىشىلەرگە ئاش - نان بېرىش، تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە سالام قىلىش"دەپ جاۋاب بەرگەن. سالاملىشىش ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئەدەپ - ئەخلاقلاردىن بىرى بولۇپ، ئۆز ‏- ئارا سالاملىشىش ئارقىلىق قېرىنداشلىق، دوستلۇق رىشتىمىزنى چېڭىتىمىز، ئۆز‏- ئارا ئىززەت - ھۆرمەت قىلىشىپ كۆڭۈللەرنى خۇش قىلىمىز. دۇنيانىڭ قايسى بىر يېرىگە بېرىپ مۇساپىرلىق ھېس قىلغىنىمىزدا " ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"كەلىمىسى بىلەن يېڭى قېرىنداش، يېڭى دوست ۋە سىرداشلارنى تاپالايمىز، ناتونۇشلار تونۇشىمىز، ئىزدىگىنىمىزنى تاپالايمىز. سالاملىشىش گۈزەل ئەخلاقتۇر."

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى سەلبىي ئادەتلەر

ئابدۇللا ھاجىم ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ۋە ناچار ئادەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر، خۇسۇسەن ياش بالىلار سالام بېرىشتىن قاچىدۇ. تونۇمايدىغانلار ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، ئاتا - ئانىلىرىغىمۇ سالام بەرمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇستازلىرىغا، كىچىكلەر چوڭلارغا سالام بەرمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزى ئەدەپلىكرەكلىرى باش ئىشارىتى قىلىپ ياكى لېۋىنى مىدىرلىتىپلا ئامانلىق سورىشىدۇ. ئۇلار ئاللانىڭ سالامىنى ئېيتىش، بىر - بىرىگە ئاللادىن ئامانلىق تىلەشكىمۇ بېخىللىق قىلىدۇ. بۇ ئەدەپسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق، مۇسۇلمانلىقنىڭ گۈزەل ئەدەپلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقتىن بىشارەت بېرىدۇ."

ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىر قىسىملىرىنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقتىن نېسىۋىسىز چوڭ بولۇشىغا ئاتا - ئانىلار سەۋەبلىك. ئۇلار بالىلارغا قائىدە - يوسۇن ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن، بالىلىرىنى مىللىي ئەنئەنە ۋە دىنىي قائىدە بۇيىچە تەربىيىلەش بۇرچىئىنى ئۇنۇتقان. ئىنسان بارلىق مەخلۇقاتلاردىن چىرايلىق ھەم ئۇلۇغ يارىتىلغان بىر مەۋجۇدات.

ئىنساننىڭ كۆركى، زىننىتى ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق - پەزىلىتىدە، ئەقىل - پاراسىتىدە. ئىنسان قانچىلىك ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولسا شۇنچىلىك سۆيۈملۈك ۋە يېقىملىق بولىدۇ، دوستلىرى كۆپ بولىدۇ، ئابروي - شەرىپى ئۆسىدۇ. ئەكسىچە ئىنسان قانچىلىك قوپال، ئەدەپسىز، ئەخلاقسىز بولسا شۇنچىلىك چاكىنا، سۆرۈن تەلەت، بىزەڭ، ياۋايى كۆرۈنىدۇ. خەلق ئۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ، نەپرەتلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ.