ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

30 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

تىبەت ھەرىكىتى ۋە خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن نامايىسش پائالىيىتىگە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سان فرانسېسكودا ياشاۋانقان ئۇيغۇرلامۇ قاتناشتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كالىفورنىيىدىكى ۋەكىلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نەق مەيداندىن نامايىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.