ئۇيۇشمىنىڭ www.Uysid.Com ناملىق توربېتىنىڭ باش بېتىدە بۇ ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە مۇنۇلار يېزىلغان:
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى بىردىن بىر خەلقئارالىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بولغان ئۇيغۇر سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى 2010-يىلى، سابىر بوغدا باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر تەرىپىدىن تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى ئۇيغۇر سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستانبۇل ۋالىيلىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلدى.
بۇ جەمئىيەتنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىنلا قۇرۇلۇشى، بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى سابىر بوغدا باشچىلىقىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا قوبۇل قىلىنىشى، ھەتتا سابىر بوغدا ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدە نۇربەكرى بىلەن كۆرۈشۈشى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بەزى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۈركىيىنى زىيارەت قىلغان خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنى ۋە خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ زىياپەتلىرىگە قاتنىشىشىنى خىتاي مەتبۇئاتلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتە دەپ يازماقتا.

تۈركىيە دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز كۆچمەن ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىگە تۇغقان يوقلاشقا كېلىدىغان ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشنى توختاتقان بولسا، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشنىمۇ قىيىنلاشتۇردى. بۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇر سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى باشلىقى سابىر بوغدانىڭ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا يازغان خېتى ئاشكارىلاندى. بۇ خەت بىر ئۇيغۇرغا ۋىزا بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېزىلغان بولۇپ، خەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلىغا
مۇستافا مۇھاممەتوغلۇ ئۇيۇشمىمىزنىڭ ئەزاسى. ئىنىسىنىڭ تويىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن خىتايغا بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋىزىدا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇر سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى
سابىر بوغدا
ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋېن جياباۋغا ئاياغ ئاتسا، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن دىلشات ئۇيغۇر، ۋولقان ئۆزتۈرك، شۆھرەت دوختۇر، سابىر بوغدا، زەينەش ئىسمائىل ۋە مەخمۇت فىلىز قاتارلىق كىشىلەر ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ كۆرۈنۈش ئۇيغۇر سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشى ۋە سابىر بوغدا ئەپەندىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىغا يازغان خېتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە بەزى پائالىيەتچىلەر بىلەن سۆزلەشتۇق.