رادىئومىز مۇخبىرى كەلپىن ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، كەلپىن ناھىيىسىدە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىتاي باشلىقى چىقارغان «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىش» قارارى، كەلپىندە يېڭى بىر نۆۋەتلىك «بۇرۇت ماجىراسى»غا سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم بولدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كەلپىنلىكلەر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساقال بۇرۇتىنى چەكلەش قارارى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ دۇ نىڭۋېن ئىسىملىك پارتكوم سېكرېتارىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان قارارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ يېقىندىن بۇيان مائارىپ ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان ناتوغرا قىلمىشلارغا بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى.
كەلپىن ناھىيىسىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلپىن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاڭ فامىلىلىك پارتكوم سېكرېتارى، 16-يانۋار كۈنى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېچىلغان ئومۇمىي يىغىندا بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى رەت قىلغان ئابدۇزايىر، ئەركىن قاتارلىق نەچچە ئون ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئاشكارا تەنقىد قىلغان. ھەمدە ئەگەر بۇ ئوقۇتقۇچىلار بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى داۋاملىق رەت قىلسا، ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا مۇكاپات پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت باھالاشتا لاياقەتسىز دەپ باھالىنىپ، خىزمىتى چەت ياقىدىكى مەكتەپلەرگە يۆتكىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كەلپىندە يۈز بەرگەن «بۇرۇت ماجىراسى» ھەققىدە تۈرلۈك كىنايە خاراكتېرلىك ئىنكاسلار يېزىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ بولغان بۇ خىل مەسىلىلەرگە جىددىي قارىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاچچىق مەسخىرە بىلەن يېزىلغان يازمىلاردا «بىزمۇ بىر-ئىككى مېتىر قويمايتتۇق بۇرۇتنى، ئۆز چىققىنى يارىشىقى دەپ بىر-ئىككى سانتا قوياتتۇق، بۇرۇتىمىز ھېچكىمگىمۇ پۇتلاشمايتتى»، «بىزمۇ بۇرۇتنى تىزمىدۇق، ئۆزى چىقىدۇ. ماۋۇلار تۇغما كوسا بولغاچقا ئىچى تارلىق قىلىپ شۇنداق دەيدۇ»، «بۇرۇتنىغۇ چۈشۈرەر، بۇرنىمىزنى قانداق قىلار؟ بۇرنىمىزنى پاناق قىلىمىز دەپ ئوپېراتسىيە قىلمىسىلا بولاتتىغۇ؟» دېگەندەك ئىنكاسلار يېزىلغان. يەنە بىرەيلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق يازغان: «بۇ ئاددىيلا ساقال، بۇرۇت مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى، مىللىي غۇرۇر مەسىلىسى! پۇقرالار ھوقۇقى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنچىلىك گەپلەرنى قىلىشىمىز مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، مۇخبىرلار كەلپىن ناھىيىسىدىكى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى بۇ يەردە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلار دەپسەندە بولۇۋاتىدۇ».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە، ھازىر كەلپىنلىكلەر ئارىسىدىكى چاي ئولتۇرۇشلاردا «بۇرۇت ماجىراسى» يېڭى سۆز تېمىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كەلپىن مائارىپ ساھەسىدە يېڭىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان، تۈرلۈك يېڭى بۇيرۇق-نىزاملارغا نارازىلىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كەلپىن ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئۆز بايانىدا نۆۋەتتە كەلپىن ناھىيىسىدە پەقەت ئوقۇتقۇچىلارغىلا ئەمەس، ھەتتا يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغىمۇ، ئەرلەرگە ساقال، بۇرۇت قويماسلىق، ئاياللار ياغلىق ئارتماسلىق تەشەببۇس قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كەلپىن ناھىيىسىدىكى مەلۇم ساقچىخانىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچىسى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرۇت قويۇشى چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما كەلپىندە پۇقرالارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ساقچىخانىدىكى بۇ نۆۋەتچى خادىم يەنە ناھىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئېلىنغان مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە بولۇپمۇ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يەرلىك دائىرىلەر، دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىشنى چەكلەش باھانىسىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، ياغلىق ئارتىشىنى، ئەرلەرنىڭ ساقال، بۇرۇت قويۇشىنى چەكلەيدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن. كەلپىن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن «بۇرۇت ماجىراسى» ئەنە شۇ خىل يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئىچىدىكى بىزگە ئاشكارىلانغان بىر پارچىسىلا خالاس.
