خىتاي ساقچىنىڭ شىكايىتى: ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت بىلەن دىنىي قىياپەتلىرى ئارقىلىق قارشىلىشىۋاتىدۇ

بىر خىتاي ساقچى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي تۈستىكى كىيىنىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشى ئىسلام دىنىغا بولغان باغلىنىشتىن كۆپرەك، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

يېقىندا مۇخبىرىمىز خوتەندىن ئۈرۈمچىگە ۋەزىپە ئىجرا قىلغىلى كەلگەن بىر خىتاي ساقچىنى زىيارەت قىلدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن خىتاي ساقچى ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى ۋەزىيەت ۋە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ھەققىدە فرانسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، سىياسىي كۆزەتكۈچى ئەركىن ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ پىكرىنى ئىگىلىدى.

بىز يېقىندا خوتەندىن ئۈرۈمچىگە ۋەزىپە ئىجرا قىلغىلى كەلگەن چېڭ گۇاڭخۇي ئىسىملىك ساقچىنى زىيارەت قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ساقچىنىڭ ۋەزىپىسى ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان خوتەنلىكلەر ئارىسىدىكى ساقال قويغانلار ۋە يۈزىنى ئورىغانلارنى نازارەت قىلىش ۋە خەتەرلىك دەپ قارالغانلارنى يۇرتى خوتەنگە قايتۇرۇۋېتىش. مەلۇم بولۇشىچە، ساقچى چېڭ گۇاڭخۇي يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە 50دىن ئارتۇق كىشىنى يۇرتى خوتەنگە يولغا سالغان. يۇرتىغا قايتقانلار ئۈرۈمچىدە مېڭىۋاتقان تىجارىتى ۋە سالغان دەسمايىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلىدە خوتەندىكى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە قانداق تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بىز چېڭ گۇاڭخۇيدىن ئۈرۈمچىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ۋەزىپىنىڭ پات يېقىندا ئاياغلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، دىنىي تۈستە كىيىنىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇش تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالغان؛ شۇڭا ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يەنە بىر مەزگىل داۋام قىلىدۇ. بىز چېڭ گۇاڭخۇيدىن دىنىي تۈستىكى كىيىنىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى سورىدۇق. چېڭ گۇاڭخۇي، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىن نارازى ئىكەنلىكىنى، نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىپ، دىنىي قىياپەتكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز خىتاي ساقچى بايان قىلغان ۋەزىيەت ۋە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سورىدۇق:
سوئال: يۇقىرىقى ساقچىنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي تۈستە كىيىنىش ۋە يۈرۈش- تۇرۇش تېخىمۇ كېڭىيىۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا 5-ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەت سەۋەب بوپتۇ، سىزنىڭچە، خىتاي ساقچىنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى بۇ دىئاگنوزى توغرىمۇ ۋە قانچىلىك ئەقىلگە ئۇيغۇن؟

جاۋاب: مېنىڭچە، ھەرقانداق بىر مىللەت چوڭ ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقەلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قايتىدىن بىر تارازىغا سالىدۇ ۋە ئۆزىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىدۇ. 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلار خىتاي ئارمىيىسىنىڭ، ساقچىسىنىڭ ھەتتا پۇقرالىرىنىڭ بىرلىكتە ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ تاشقى دۇنيادىن يېتەرلىك دەرىجىدە ياردەم كۆرەلمىدى. شۇڭا مىللىتىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ۋە مىللىي بىرلىكنى ساقلاش، شۇنداقلا مىللىي روھىينى ئۈستۈن تۇتۇش ئۈچۈن، ئىسلام دىنىغا تېخىمۇ مەھكەم باغلانغانلىقى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان بىر رېئاللىق. شۇڭا خىتاي ساقچىنىڭ دىئاگنوزىنى بۇ نۇقتىدىن توغرا دېيىشكە بولىدۇ.

سوئال: خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەزىيەتكە قارىتا نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرىچۇ؟ يەنى ساقاللىقلارنى چەكلەش، يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋېتىش قاتارلىقلار قانداق نەتىجە بېرىشى مۇمكىن؟

جاۋاب: ھەممىگە مەلۇم بۇ ئىپتىدائىي بىر تەدبىر، ئېغىر زوراۋانلىق تۈسى بولغان بىر تەدبىر؛ مەنچە ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنىڭغا قاراپ دىنىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى، ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يېتىدۇ، مىللىي بىرلىك تېخىمۇ مۇستەھكەم ھالەتتە شەكىللىنىدۇ. بۇ، مەزكۇر تەدبىرنىڭ مىللىتىمىزگە پايدىلىق تەرىپى؛ ئەمما يەنە بىر تەرىپى باركى، خىتاينىڭ بۇ تۈر زوراۋانلىقى جەمئىيەتتە پارتلاش خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان تۆكۈلۈش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خەلقىمىز ئۈچۈنمۇ، خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈنمۇ ئاچچىق بىر ئاقىۋەت. شۇڭا خىتاينىڭ ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان گۇرۇپپا ياكى كىشىلەر بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەم بېسىشى ئەڭ ئاقىلانە يول دەپ قارايمەن.