ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە زاۋۇتى 1975 -يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ قارمىقىدا خىمىيە زاۋۇتى ۋە سۇلياۋ زاۋۇتى قاتارلىق 19 تارماق زاۋۇت ۋە مۇلازىمەت شىركىتى مەۋجۇت. زاۋۇت شەھەردىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتا، زاۋۇتنىڭ كۆلىمى 18 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، زاۋۇتلار ۋە سېخلار ئارىسىدىكى ئاپتوبۇس قاتنىشى زاۋۇتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا بۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ساقال - بۇرۇت قويغان ۋە ياغلىق ئارتقان ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاپتوبۇسقا چىقىشى چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
مەزكۇر ئۇچۇرنى ئېنىقلاپ زاۋۇتقا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، زاۋۇت رەھبەرلىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلەرمۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. مەزكۇر خەۋەرنىڭ چىنلىقى ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر، مەزكۇر خەۋەرنىڭ چىنلىق ئېھتىمالىنى كۈچلەندۈرمەكتە.
بۇرۇن ساقال - بۇرۇت چەكلىمىسى، قەشقەر ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋە مەكتەپلەردە يولغا قويۇلغان. ئۇ چاغدىكى بۇ خىل يولغا قويۇش، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان. ئەمما، بۇ قېتىم ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدا يولغا قويۇلۇشى، زاۋۇتتىكى خىتاي ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بولغان. ئۇنداقتا خىتاي خەلقى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىكى ساقال - بۇرۇتتىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ؟ مانا بۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ " خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەسىرى بىلەن، خىتايلار ساقال - بۇرۇتنى دىنىي بىر ئىرادىنىڭ ۋە ياكى مىللىي غايىنىڭ سىمۋولى دەپ چۈشىنىپ قېلىۋاتقان ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن بىئارام بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنمۇ دېگەن سوئالىمىزنى جاۋاب بەردى.