بىر خىتاي زىيالىيسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ساقال، بۇرۇت قويۇش، رومال ئارتىشنى چەكلەش پەرمانىغا قارىتا ئىنكاسى (1)
2012.09.07
ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال، بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىش، رومال ئارتىشنى چەكلەش پەرمانىغا ئاشكارا قارشى چىقىشقا، رەت قىلىشقا قۇربى يەتمەيۋاتقان ئۇيغۇرلار، بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان ئىنكاسلىرىنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.
خىتاي زىيالىيسى لاڭ لاۋيۇەن يېقىندا «ساقال چۈشۈرۈش، چۈمپەردە ئېچىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ يوشۇرۇن بېشارىتىمۇ ؟» ناملىق ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئۇنىڭ ماۋزۇسىنى «قىلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد» قا ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلغان.
ئاپتور ماقالىسىنى شۇنداق باشلىغان: شىنجاڭنىڭ غۇلجىدا قانات يايدۇرۇلغان «دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىلىم - پەنگە، ساغلام تۇرمۇشقا ھۆرمەت قىلىش» پائالىيىتى ھەققىدىكى خەۋەر «سۇمۇرغ»، «سىنا» قاتارلىق چوڭ - چوڭ تور بەتلىرىنىڭ باش سەھىپىلىرىدە كۆزگە چېلىقىدىغان جايدىن ئورۇن ئالدى. ماقالىدا، شۇ جايدىكى «پۈتكۈل كوچىلاردا «ئاز سانلىق مىللەت خانىم - قىزلىرى ۋە يىگىت - ئوغۇللىرىنىڭ ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال - بۇرۇت قويۇش، چۈمپەردە ئارتىشتەك غەيرىي ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش» مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇنى كىشىدە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان بىمەنىلىك، دېمەي بولمايدۇ.
ئاپتور لاڭ ياۋيۇەننىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇ يالغۇز غۇلجىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «ساقال، بۇرۇت چۈشۈرۈش، چۈمپەردە ئېچىش» پائالىيىتىدىنلا خەۋەردار بولغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىلدىكى ھاقارەت، كەمسىتىش خاراكتېرلىك بېسىملارنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىدىن تېخى خەۋەر تاپمىغان.
ئۇ ماقالىسىدە يەنە شۇنداق دېگەن: ئەلۋەتتە، «سۇسلاشتۇرۇش» دېگىنى، ئەمەلىيەتتە «ئاجىزلاشتۇرۇش»، «ئازايتىش» نى بىلدۈرىدۇ. ئۇنى «تۇمان ئىچىدە گۈل كۆرۈش»، «بارنى يوق قىلىش» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ھالبۇكى، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىلاھقا ئىشىنىش، بۇ يولدا تەۋرەنمەسلىك، ئۇنىڭغا سادىق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھالقىش خاراكتېرلىك، تولۇق، ئاداققى تەلپۈنۈشى ۋە ئىنتىلىشى بولۇپ، ئېتىقادچىلارنىڭ چىن، ساپ، گۈزەل روھىي دۇنياسىنىڭ قايتىش نۇقتىسىدۇر. شۇنداق ئىكەن، ئۇنى قانداقمۇ ئۆز مەيلىچە سۇسلاشتۇرغىلى بولسۇن؟
ئاپتور لاڭ ياۋيۇەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ۋە مىزانلاردا بەلگىلىگەن ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ئەركىنلىك بولۇپلا قالماي، خىتاي قانۇنىدىمۇ تېگىشلىك قوغدىلىش ھەققىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: ئەمەلىيەتتە دىنغا قارىتىلغان ھەرقانداق ھوقۇق ياكى بېسىم ئېتىقادچىلارنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپلا قالماي، يەنە بىلىپ - بىلمەيلا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ قويىدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا گراژدانلارغا بېرىلگەن بىر خىل ئاساسىي ھوقۇقتۇر، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسلىق دىنىي سىياسىتىدۇر. «ئاساسىي قانۇن» نىڭ 36 - ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گراژدانلىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە»، «ھەرقانداق دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىققا زورلىشىغا بولمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە بولمايدۇ»، «دۆلەت نورمالنى دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگىلىگەن. دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىمۇ پۈتۈن دۇنياغا قايتا - قايتا: «جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەقىقىيدۇر ۋە ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باققىنى يوقتۇر» دەپ ئوچۇق جاكارلىغان. شۇنداق تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ غۇلجىسى «سۇسلاشتۇرۇش» قا نېمىشقا شۇنچە كۈچەيدىكىنە؟
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال، بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىش، رومال ئارتىشنى چەكلەش پەرمانىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، بۇ خۇسۇستا توختالغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاپتور لاڭ لاۋيۇەن «قىلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد» ناملىق ماقالىسىدە يەنە شۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: شىنجاڭ غۇلجىنىڭ «دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇش» نى زور ھەيۋەت - ھەشەم بىلەن بازارغا سېلىپلا قالماي يەنە «ساقال چۈشۈرۈش، چۈمپەردە ئېچىش» نى زورلۇق بىلەن يولغا قويۇپ، ئىسلام ئېتىقادچىلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدىكى ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال قويۇشنى «نورمالسىزلىق» دەپ قارىشى، ھەتتا ئۇنى «پۈتۈنلەي يوقىتىش» قا پەرمان چۈشۈرۈشى كىشىنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدۇ. بۇ تەبىئىيكى، كىشىگە سېسىق نامى پۇر كەتكەن تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ «بارلىق ئەرلەر ئىككى ئاي ئىچىدە ساقال - بۇرۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالىنىدۇ» دېگەن پەرمانىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ.
ماقالىدا يەنە شۇنداق دېيىلگەن: شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئىسلام ئەنئەنىسىنى «نورمالسىز ھادىسە» دەپ قارىشى بىر خىل دىنىي كەمسىتىش قىلمىشىغا ياتىدۇ؛ ئۇنى «پۈتۈنلەي يوقىتىش» قا پەرمان چۈشۈرۈشى بولسا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خۇددى راھىبلارنى كاساياسىنى سېلىۋېتىشكە، پوپلارنى كرېست بەلگىسىنى ئېلىۋېتىشكە، تويىنلارنى قارا يەكتىكىنى سېلىۋېتىشكە قىستىغاندەكلا بىر ئىش بولۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىق ۋە ئاساسى قانۇنغا قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.
ماقالىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى، كىيىم - كېچەك ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، غۇلجىدا مەجبۇرى يولغا قويۇلۇۋاتقان چۈمبەل قايرىش ھەرىكىتىنىڭ بىمەنىلىكى بايان قىلىنغان: ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئىسلام ئېتىقادچىلىرىدىن ئەنئەنىۋى ئەرەب كىيىم - كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، «يېڭى مودىغا ئەگىشىش» نى تەلەپ قىلىشىنى ئۇچىغا چىققان قارا قورساقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق دېمەي بولمايدۇ؟ كوچىلاردا سېتىلىۋاتقان ئاشۇ مودا، نېپىز، يېرىم يالىڭاچ كىيىم - كېچەكلەرگە قاراپ بېقىڭچۇ. مۇبادا ئۇنى مۇسۇلمانلار كىيسە ئىسلامنىڭ كىيىم - كېچەك ئېستېتىكىسىغا ئۇيغۇن كېلەرمۇ؟ ئۇ ئىسلام پەرھىزلىرىگە قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ قالماسمۇ؟ مۇسۇلمانلار قانداق كىيىنىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن كېلەمدۇ؟ جۇڭگونىڭ خەنزۇ كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى بىر خىللىقىدىن تارتىپ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش دەۋرىدىكى گۈزەللىكىگىچە بولغان جەرياندا قايسى بىر ئورگان ياكى قايسى بىر رەھبەر زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ بېقىپتىكەن؟ ئەينى يىلى باش شۇجى خۇ ياۋباڭنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كاستۇم - بۇرۇلكا كىيگىنى پەقەت شۇنداق كىيىنىشنى تەشەببۇس قىلغىنى ۋە بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولغىنى ئىدى، خالاس. ئۇ ھېچقاچان پۇقرالارنى بىر تۇتاش كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىشكە زورلىغان ئەمەس. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى سەمىمىي - سادىقلىق بىلەن ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟
ئاپتور يەنە مۇنداق خىتاب قىلغان: شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئۆزىگە تەۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلىنى بىردەك چۈشۈرۈۋېتىش تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن، بەزى كوچا ئىش باشقارمىلىرى «قانۇن - تۈزۈم بويىچە تەربىيىلەش كۇرس» لىرىنى ئېچىپ، كۇرسانتلاردىن ئۈچ ئاي سۈرۈك ئىچىدە پۈتۈن ساقاللارنى چۈشۈرۈپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ، 10 يىل داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنى چوشقا بېقىشقا زورلىغانلىقتىن، قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەردە چوشقا گۆشى يېگەنلىكىدىن نېمە پەرقى بولسۇن؟ ئەجەبا مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىلا جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناقلىشىپ كېتەرمۇ؟ شەھەرلەر تېخىمۇ مەدەنىيلىشىپ كېتەرمۇ؟ شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىمىز دەۋاتقان ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ قالارمۇ؟ مېنىڭچە، ئۇنداق قىلىش ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى تېرىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ، خالاس.