بۇ مەھبۇسنىڭ گۇناھى يېنىدا كىملىك كىنىشكىسى ئېلىپ يۈرمىگەنلىكى ۋە ساقال - بۇرۇتىنى ئېلىۋېتىشنى رەت قىلغانلىقىدۇر. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، خىتاي قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قارا شەھەر ناھىيىسىدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان غوجائەخمەت نىياز غۇلجىلىق يەككە تىجارەتچىلەردىن بولۇپ، 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن خىتاي دائىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تازىلاش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قوغلىغان.
شۇ يىلى 5 - ئايدا ئايالى بىلەن 4 بالىسىنى ئېلىپ خىتاينىڭ ۋېيخەي شەھىرىگە تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ كەلگەن غوجائەخمەت دەل مۇشۇ دولقۇنغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ۋېيخەيگە كېلىپ ئەتىسى ئىجارە ئۆي ئىزدەپ چىققان غوجائەخمەت ۋېيخەيلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بالا - چاقىلىرىنىڭ خەۋىرىسىزلا غۇلجىغا يوللىۋېتىلىدۇ. غوجائەخمەتنىڭ ۋېيخەيدە پۇلسىز ۋە يۆلەنچۈكسىز قالغان ئايالى 4 بالا بىلەن مىڭ بىر جاپا - مۇشەققەتلەردە غۇلجىغا سالامەت قايتىپ كېلىشكە ئاران مۇيەسسەر بولالىغان. بۇ ئەھۋاللار، غۇجائەخمەتنىڭ دېلوسىدىن خەۋەردار غۇلجىدا ياشايدىغان بىر خانىمنىڭ يەتكۈزگەن ئۈچۈرلىرىدۇر.
بۇ يىل 39 ياشلاردىكى غوجائەخمەت ۋېيخەيگە كېلىشتىن بۇرۇن خېبېينىڭ لۇشۈي شەھىرىدە تۇرۇپ، لۇشۈيدىكى خىتاي تېرە زاۋۇتلىرىغا خام تېرە سېتىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى باھانە قىلىپ، لۇشۈيدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغلىغاندىن كېيىن، ئائىلىسىنى ئېلىپ ۋېيخەيگە قېچىپ بارغان. ئۇ، ۋېيخەيدە ناۋايچىلىق قىلماقچى ئىدى.
غوجائەخمەت نىيازنىڭ دېلوسىدىن خەۋەردار يۇقىرىقى خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غوجائەخمەت نىياز ۋېيخەيدە كىملىك كىنىشكىسى يوقلۇقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، غۇلجا شەھەرلىك ج خ دائىرىلىرىگە يوللاپ بېرىلگەن. غۇلجا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 2008 - يىلى كۈزدە سوت ئېچىپ، غوجائەخمەتنى 6 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قولغا ئېلىنغان بىلال ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇرنى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. سوتنىڭ ھۆكۈمى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بېرىلمىگەن. شۇڭا ئۇنىڭ قانداق كونكرېت "جىنايى قىلمىشلار" بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
لېكىن غوجائەخمەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غۇلجىدا ساقال - بۇرۇت قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي سەزگۈرلۈكىگە پىسەنت قىلىشنى رەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن جازالانغان بىردىن - بىر شەخس ئەمەسلىكى مەلۇم.
خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى نۇرتاي مەمەت، ئابابەكرى ئۆمەر قاتارلىق دىنىي ئەقىدىسى كۈچلۈك بەزى ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىپ، ئوخشاش سەۋەبلەردىن قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان ئىدى.
غوجا ئەخمەت نىيازنىڭ دېلوسىدىن خەۋەردار يەنە بىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەمەلىيەتتە غوجائەخمەت نىياز كىملىكسىز يۈرگەندىن سىرت، سوتقا تارتىلىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغۇدەك ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ خانىم، سوتتا غوجائەخمەتنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، توۋا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان دىنىي چەكلىمىسى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۇڭگانلار، خرىستىئانلار ۋە باشقا دىنىي گۇرۇھلارغا قارىغاندا ناھايىتى چەكلىك.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىلگىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانچىلىقنى ئۆزلىرىگە تەھدىت ھېسابلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا بېسىملارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەسىلە ئامېرىكا -خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ۋە خىتاي -ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئىزچىل مۇزاكىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر تېما. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى غوجائەخمەت نىيازنىڭ مەسىلىسى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسىگە ياتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتى جىنايى جازاغا تارتىلغۇدەك ھېچقانداق "قىلمىش" شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەمەت توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر غوجائەخمەت نىيازنىڭ دېلوسىغا ئوخشاش ۋەقەلەردە قانۇن - نىزامنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، سىياسىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماقتىكەن.
غوجائەخمەت نىيازنىڭ جازا مۇددىتى 2014 - يىلى توشىدۇ. ئۇنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەر ھازىرغا قەدەر ئۇنى ئاران ئىككى قېتىم يوقلاپ بېرىشكە مۇيەسسەر بولالىغان. بىر ئىككى يىل جەريانىدا بىرىنچى قېتىم ئىنىسى يوقلاپ بارسا دائىرىلەر ئۇلارنى كۆرۈشتۈرمىگەن. ئىككىنچى قېتىم بۇ يىل 7 - ئايدا ئانىسى بىلەن ئىنىسى يوقلاپ بارغاندا ئۇلارنىڭ 15 مىنۇت كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلغان. لېكىن ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئانىسى ئوغلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
غوجائەخمەت نىياز غۇلجىنىڭ قارادۆڭ رايونى تەۋەلىكىدە ئولتۇراتتى. بىز ئۇ، تۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، غوجا ئەخمەتنىڭ قانداق "جىنايەت" سادىر قىلغانلىقى ۋە قايسى قانۇنغا ئاساسەن جازالانغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەمەت توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانۇن نىزاملارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كىشىلەرنىڭ قىياپىتى يۈرۈش تۇرۇشى، دىنىي ئېتىقادى ۋە شەخسى تۇرمۇشىغا قالايمىقان ئارىلىشىشى ۋە ئۇلارنى جازاغا تارتىشى رايوندا مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىۋاتقان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
مەمەت توختى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر دائىرىلەر ئۈزلۈكسىز بۇ يولدا ماڭسا، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئوخشاش توقۇنۇشلارنىڭ يەنە يۈز بېرىشىگە شەرت - شارائىت ھازىرلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىنى ئالماشتۇرۇپ، "شىنجاڭ" سىياسىتىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ يىل 5 - ئايدا چاقىرىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"دا ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. لېكىن ئانالىزچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر يولغا قويغان سىياسەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ "شىنجاڭ"سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، خىتاي كۆچمەنلىرىگە تايىنىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.