خەۋەرلەردىن يەنە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە كوچىلاردا چارلاپ يۈرگەن ئۇيغۇر ساقچىلارنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ساقچىلىققا قوبۇل قىلىشى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئازىيىشىغا ئازغىنە پايدا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە كىشىلەر نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنى جايلاش» ھىيلىسى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلماقتا.
ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىدە ساقچىلىق قىلغان، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ساقچى ۋە ھەربىيلىككە قوبۇل قىلىشتا تۈرلۈك شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن سىرت، ۋەزىپىگە سېلىشتىن بۇرۇن، تۆرلۈك شەرتلەرگە قول قويغۇزۇش ۋە قەسەم ئېلىش چارىلىرىنى يولغا قويىدىكەن.
ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، بۇيرۇق ئالدىدا مىللەتنى تونۇمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ سىياسىي مەسىلە يۈز بەرگەندە، ئالدى بىلەن «مەن جۇڭگونىڭ پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلىمەن» دېگەن روھ ۋە شەرت بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بەختىيار ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى.
بەختىيار ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھۆكۈمەت سىياسىتى ۋە يوليورۇقى ئاستىدا ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز، توغرا-خاتانى ئايرىمايدىغان، خاراكتېرسىز، ھېسسىياتسىز، بىر ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەقىقەتەن، رادىئويىمىزنىڭ بىر قېتىملىق زىيارىتىدە، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي قوۋۇق ساقچىخانىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ساقچىنى زىيارەت قىلدۇق. يېرىم كېچىدە كۆزەتكۈچىلىك قىلىۋاتقان بۇ ساقچىنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى قوپال، مەسئۇلىيەتسىز، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئىش قىلىش ھېسسىياتىدىن مەھرۇم قالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
بەختىيار ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە، ساقچىلىق قىلغان ۋاقتىدا ئۆزىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بىر ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردى.
0:00 / 0:00