ساقچى ئۆزىنىڭ تەمبەل بەستىگە ۋە يېنىدىكى قورالىغا تايىنىپ تۇرۇپ، گۈلجامالنىڭ قولىغا كويزا سېلىشنىمۇ بېجىرىدۇ ۋە ئۇنى بويسۇندۇرىدۇ. ئەمما ساقچىنىڭ رەھىمسىز ھەرىكەتلىرىگە 18 ياشلىق قىزنىڭ نازۇك تېنى بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. گۈلجامالنىڭ قولى بېغىشىدىن چىقىپ كېتىدۇ. نۆۋەتتە ئانا قاماقتا، قىز دوختۇرخانىدا. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىر خىزمەت قورۇسىدا يۈز بەرگەن.

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ ۋە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېشىغا يەنە دەرد بولغان. 10 يىلدىن بېرى ئۆي-زېمىن داۋاسى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئايگۈل توختى خىتاينىڭ پەيزاۋاتتىكى بىر ساقچىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ مېڭىلغان. ساقچى ئايگۈل توختىنى يالاپ ئېلىپ مېڭىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە بىر كۈن توختىغان.
ئايگۈل توختى بۇ پۇرسەتتە چالا قالغان نوپۇس ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇس ئىشخانىسىغا يولۇقۇپ ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە نوپۇس ئىدارىسىگە بارغاندا، نوپۇس خادىملىرى ئۇنى چۈشتىن كېيىن كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ سەۋەبتىن ئايگۈل توختى، ساقچىلارنىڭ پەيزاۋاتقا قاراپ دەرھال يولغا چىقىشىنى رەت قىلغان. ئايگۈل توختىنىڭ رەت قىلىشىنى قوبۇل قىلالمىغان ساقچى، ئۇنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، ياقىسىدىن تۇتقىنىچە دارقىرىتىپ سۆرەپ ئېلىپ ماڭغان. بۇ چاغدا، 2 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە ھۈنەر ئۆگىنىۋاتقان 18 ياشلىق گۈلجامال ئاخۇنجان ئانىسىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئانىسىنىڭ ھالىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ساقچىغا قاراپ ئېتىلغان. ساقچى ئانىغا قىلغان زوراۋانلىقىنى قىزغىمۇ تەكرارلىغان. ئۇنىڭ قوللىرىنى دۈمبىسىگە قايرىپ كويزا سالغان. ساقچى قىزنىڭ بىلەكلىرىنى غەزەپ بىلەن قاماللىغىنى ۋە رەھىمسىزلەرچە تارتقۇچلىغىنى ئۈچۈن، قىزنىڭ سول قولى بېغىشىدىن چىقىپ كەتكەن.
ساقچىنىڭ زوراۋانلىقى نوپۇس ئىشخانىسىدىكى باشقا خىزمەتچىلەرنىمۇ زۇۋانغا كەلتۈرگەن؛ ئۇلار ساقچىدىن «سىز ساقچىمۇ ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغان ۋە «ئاۋۋال تەربىيە بېرىپ ئەكېتىڭ، ھۆكۈم چىققاندىن كېيىن، ئاندىن جازالاڭ» دېگەن تەكلىپنى بەرگەن. ساقچى ھېچ ئەيمەنمەستىنلا «ھۆكۈمنىمۇ مەن چىقىرىمەن، تەستىقنىمۇ مەن سالىمەن، كويزىنىمۇ مەن سالىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. بىنانىڭ ئامانلىق خادىمى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئەمەس، ساقچىغا يان باسقان.
ئايگۈل توختى ۋە گۈلجامال ئاخۇنجان بۇ جەرياندا قارشىلىقىنى توختاتمىغان. بۇ جەرياندا ساقچىنىڭ يۈزىدىكى بىر كونا جاراھەت قاناپ كەتكەن، بۇ ئارىلىقتا ساقچىنىڭ ئايالى ياردەمگە كېلىپ يولدىشىنىڭ يۈزىنى رەسىمگە تارتقان؛ ئۇ، گۈلجامالنىڭ بېلىكى ۋە ئانىسىنىڭ يەردە سۆرەپ ئېلىپ مېڭىلغان كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە ئالمىغان. نەتىجىدە ئايگۈل توختى پەيزاۋاتقا ئېلىپ كېتىلىپ قاماققا تاشلانغان. گۈلجامال دوختۇرخانىغا ئۆزى بېرىپ قولىنى تاڭدۇرغان. نۆۋەتتە ئانا قاماقتا، قىز دوختۇرخانىدا. ئائىلە ئەزالىرى ئايگۈل توختىنى سۈرۈشتە قىلىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قانۇنسىز ئەرز قىلغانلىقىنى، بېيجىڭدىكى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئالدىدا قالايمىقانچىلىق تېرىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، 18 ياشلىق بىر قىزغا قول سېلىشتىن خىجىل بولمىغان؛ 50 ياشلىق بىر ئانىنى ياقىسىدىن سۆرەپ ئېلىپ مېڭىشتىن ئىككىلەنمىگەن بۇ كىشىنىڭ ئىسمى بەختىيار، ئانا تىلى ئۇيغۇرچە، ئۇ خىتاينىڭ پەيزاۋات ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 18 ياشلىق قىز گۈلجامال ئاخۇنجاننىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.