خوتەندە ساقچىخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلدى

خوتەن شەھىرى چۇقۇ بازادىكى ساقچىخانا 18-ئىيۇل رايون ۋاقتى 10 ئەتراپىدا بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

0:00 / 0:00

خىتاي ئاگېنتلىقلىرى ۋەقەنىڭ بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ پىلانلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمدا ئىككى ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچىلاردىن 14 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىدا، مەزكۇر ۋەقەنىڭ دائىرىلەرنىڭ قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان قانلىق ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن تېز ئارىدا ۋەقە يۈز بەرگەن كوچىنى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەي قامال قىلدى.

بارلىق خىتاي ئاگېنتلىقلىرى بۈگۈن يەنى 18-ئىيۇل خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ بىر گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى.

خىتاي ئىچىدىكى ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنخۇا تورى خەۋىرىنى ئاساس قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خەۋەرلەردە،18-ئىيۇل رايون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10 ئەتراپىدا بىر گۇرۇھ ھۇجۇمچىلارنىڭ خوتەن چوڭ بازاردىكى ساقچىخانىغا بۆسۈپ كىرىپ بىر نەپەر قوراللىق ساقچى خادىمى ۋە بىر نەپەر چارلاش ساقچىسى ۋە يەنە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، يەنە بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما ھۇجۇمچىلارنىڭ سالاھىيىتى، ئۇلاردىن قانچىلىك ئادەم چىقىم بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قېلىشتىكى مەقسىتىنى تىلغا ئالمىغان.

پەقەت ۋەقەنىڭ قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن تىنچىتىلىپ، بۇ جەرياندا ھۇجۇمچىلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان 6 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان شۇنداقلا ھۇجۇمچىلارنىڭ قىڭراق، پىچاقلارنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئوت قويغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ شىنخۇا تورىغا ئاشكارىلىشىچە ۋەقەدىن كېيىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەركەزدىن خوتەنگە مەخسۇس تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىدىن بىرنى ئەۋەتكەن.

ئەمما چەتئەل ئاخباراتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە يەنە پەرقلەر بولۇپ، خىتايغا قايتىش تورىدا بۈگۈن بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە خوتەندىكى ساقچىخانىغا قىلىنغان ھۇجۇم جەريانىدا تۆت ساقچى ئۆلگەندىن باشقا يەنە 14 ھۇجۇمچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ يارىلاندۇرۇلغانلىقى يېزىلغان، ئەمما خەۋەر مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن.

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ ئېنىقراق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەندىكى ھۆكۈمەت ساقچى دائىرىلىرى ۋە شەھەر ئاممىسىدىن مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومدىن تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي كاتىپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئاخبارات ئورنىغا ئۇچۇر بەرمەسلىك ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خوتەن ۋىلايەتلىك مىللىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بىر كادىرى، خوتەن ساقچىخانىسىدا ھەقىقەتەن ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى، ئەمما بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بىر شەھەر پۇقراسى، ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ چۇقۇ (چوڭقۇر) بازاردىكى ساقچى پونكىتى ئىكەنلىكىنى ۋەقەدىن كېيىن بازارغا تۇتىشىدىغان يوللارنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

چۇقۇ بازاردا دۇكىنى بار يەنە بىر سودىگەرمۇ ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ كوچىدىكى بارلىق دۇكانلارنى تاقىغۇزۇپ كىشىلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىن يىراقلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

چۇقۇ بازاردىكى ساقچىخانىغا يېقىن ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي كۆچمەن موماي، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «چوڭ ئىش چىقتى، ئۇيغۇرلار ئىككى ساقچىنى، يەنە ئىككى ئايالنى ئۆلتۈرۈپتۇ» دېدى.

ئۇ يەنە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي، ھۇجۇمچىلارنىڭ بولسا ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن گەپ، ئۇلار شۇ ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرمەيدۇ بىزنى ئۆلتۈرىدۇ» دەيدۇ.

بىزنىڭ خوتەنگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلغاندىن باشقا، خوتەن دائىرىسىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىشى سەۋەبىدىن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ھەم تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ھەم سالاھىيىتى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قۇرۇلتاينىڭ ئىچكى ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەم جەريانى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە ئىستانسىمىزغا ئۇچۇر يەتكۈزدى.

خوتەننىڭ ۋەزىيىتى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەب نەتىجىلىرى ھەققىدە يەنە داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشىمىز شۇنداقلا ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىستانسىمىزنى تېلېفون ۋە ياكى ئېلخەت ئالاقىلىرى ئارقىلىق بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.