«خوتەندە ئۇيغۇرلار ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلدى» دېگەن خەۋەرنىڭ ئارقا يۈزى

18- ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلار ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئىككى كۈندىن بىرى ساقچىخانىغا ناھەق سولىۋېلىنغان ئاياللىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارغان ئىكەن.

0:00 / 0:00

مۇندىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى خىتاي ۋە دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، «ئۇيغۇرلار خوتەندىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلدى» دېگەن خەۋەر تارقالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خىتاي تەرەپ ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان بۇ خەۋەرنىڭ ئۆز ئەينىسىنى تارقاتقان. ئەمما خوتەندىن چەتكە چىققان ئۇيغۇرلار بۇ خەۋەرنىڭ تامامەن ئەكسىنى سۆزلىمەكتە ئىكەن. خوتەنلىك يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا، ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئىككى كۈندىن بىرى ساقچىخانىغا ناھەق سولىۋېلىنغان ئاياللىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارغان ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن نۆۋەتتىكى خوتەن ۋەقەسى ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك ئۇچۇرنى ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى خوتەن ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىسلامىي قىياپەتتە كىيىنىپ يۈزلىرىنى يۆگىگەنلىكى سەۋەبلىك ناھەق سولىۋېلىنغان ئاياللىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تۇرغۇنجان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.