مۇراسىمغا سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى جىددە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئابدۇللا شايى، جىددە رادىئوسى چەتئەل تىللىرى ئىدارىسىئىنىڭ مۇدىرى ھۈسەين ئەھمەد دەغرىرى، ھەر قايسى چەتئەل تىللىرى بولۈملىرىنىڭ مۇدىرلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەشھۇر گېزىتلىرىدىن "ئوكاز" گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى، رادىئو، تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى ۋە كۆپلىگەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمى 1982 - يىلى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ. دەسلەپتە ھەر كۈنى بىر سائەتلىك ئاڭلىتىش بېرىش بىلەن باشلانغان بۇ بۆلۈم، 1999 - يىلىغا كەلگەندە، رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كۈنلۈك ئاڭلىتىش ۋاقتى ئىككى سائەتكە چىقىرىلغان. 2007 - يىلىدىن باشلاپ بۇ بۆلۈمنىڭ ئاڭلىتىشى ھەر كۈنى ئۈچ سائەت بولۇپ كەلمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى ئۈيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشى ئۇيغۇر ئېلى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان تاجىكىستان قاتارلىق جايلاردا ئاڭلانغاننىڭ سىرتىدا، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرگە يېتىپ بارىدۇ.
تۆۋەندە، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۇنداقلا نۆۋەتتە تەقدىر نامىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغانلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇراسىم ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى سۇنىمىز.
ئابدۇلئەھەد ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بولۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى مۇنداق دېدى:" بۇ قېتىمقى دىكتورلارنى مۇكاپاتلاش ۋە تەقدىرلەش مۇراسىمى جىددە رادىئوسى بويىچە تۇنجى قېتىملىق مۇراسىم ھېسابلىنىدۇ. مۇندىن بۇرۇن مۇنداق بىر مۇراسىم بولۇپ باقمىغان ئىكەن. بۇ ئىشنى ئۇيغۇر بۆلۈمى تۇنجى بولۇپ باشلاپ بەرگەن بولدى. ئۇيغۇر بۆلۈمى باشقا پۈتۈن چەتئەل بۆلۈملىرى ئىچىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان بىر بۆلۈم. بۇ بۆلۇمدە ئىشلەيدىغانلارمۇ ھەممىسى دېگۈدەك ئانا ۋەتەندە ۋە چەتئەللەردە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن كىشىلەر بولۇپ، دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي پروگراممىلارنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئۆزلىرى ھازىرلايدۇ. ئاڭلىتىۋاتقان پروگراممىلىرىمىز دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي مەزمۇندىكى پروگراممىلار بولۇپ، مەخسۇس ئىلمىي مۇسابىقە پروگراممىسىمۇ بار. مۇسابىقىدە قازانغانلار نەق پۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، مۇكاپاتلار قازانغان شەخسلەرگە ئۇلار دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن ، ۋاقتىدا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. ئانا ۋەتەننىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋە غولجا قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى رادىئومىز مۇخلىسلىرىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرمۇ خېلى كۆپ ."
تەقدىرلەنگەنلەر
ئابدۇلئەھەد ئەپەندى بۇ قېتىم جىددە رادىئوسى بويىچە تاللىنىپ مۇكاپات ۋە تەقدىرگە ئېرىشكەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانداق تاللانغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" بۇ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن تەقدىرلەنگەنلەر سىراجىدىن ئەزىزى، ئانايەتۇللا ئابدۇلئەزىز، ئۇبۇلقاسىم ئەھمەد، ئابدۇلقادىر تاھىروف، ئەھمەتخان پۇلات ۋە پېقىر قاتارلىق 6 كىشى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى 18 كىشىدىن تاللاپ چىقىلغان شەخسلەردۇر. ئۇلارنى ئۇيغۇر بولۈمى تەرىپىدىن تاللاپ كۆرسىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، رادىئو مەسئۇللىرى بۇنى تەستىقلىدى، مۇراسىمغا سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى جىددە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئابدۇللا شايى رىئاسەتچىلىك قىلدى ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بۇ ئاكتىپلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. نۆۋەتتىكى مۇكاپاتلانغانلار ئاساسەن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پروگراممىلارنى ۋاقتىدا ياخشى تەييارلاش ۋە قېتىرقىنىپ ئىشلەش جەھەتلەردە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان كۆرۈنەرلىك شەخسلەردۇر."