سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت شاتلىقى

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ كۈنلەردە ھەج پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن، ئۇلار ھېيتلىشىش ئىشلىرىنى ھەجدىن كېيىنكى كۈنلەرگە كېچىكتۈرىدۇ.

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، تۆۋەندە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ياشايدىغان بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

ئەلى روزى ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلى روزى ھاجىم قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:" ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن. مەن بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىمغا ئون بەش يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ جايدىكى قۇربان ھېيت بىزنىڭ ۋەتەندىكىگە ئوشىمايدۇ. چۈنكى بۇ جاي ئىككى ھەرەم جايلاشقان ئورۇن بولغانلىقتىن، قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە بۇ جايدىكى ئەرەب، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. شۇڭا پەقەت ھەج پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا، ئۇلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا ھېيتلاشقىنىنى كۆرەلەيمىز. بىزنىڭ ۋەتەندىكىدەك جامائەت بولۇپ ھېيتلاش ئىشلىرى بۇرۇن بۇ جايلاردا بولغان بولسىمۇ، ھازىر شەھەرلەر تەرەققى قىلىپ ئۇيغۇرلار تارقىلىپ ياشاشقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆز ‏- ئارا جامائەت بولۇپ ھېيتلاش ئىشلىرى ئازىيىپ كەتكەن."

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ قۇربان ھېيت خۇشاللىقى

ئەلى روزى ھاجىم بالىلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھېيت ئويناش كەيپىياتى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "بالىلارنىڭ ھېيت خۇشاللىقى ئۈچۈن، بۇ جايلاردا مەخسۇس بالىلار باغچىلىرى بولىدۇ، بالىلار شۇ جايلارغا بېرىپ ھەر خىل ئويۇنلار بىلەن كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلىشقا تىرىشىدۇ. ھەجگە چىقمىغانلار قۇربانلىق قىلىدۇ، بالىلار قۇربانلىقتىن بەك خۇشلىنىدۇ. بالىلار قۇربانلىق گۆشىگە ئېغىز تىگىش بىلەن بىرگە، كەمبەغەللەرگە ئايرىلغان قۇربانلىق گۆشىنى ئاتىلىرى بىلەن بىرلىكتە تارقىتىشقا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭدىن بالىلار يوقسۇللارغا خەير - ساخاۋەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ھېيت - ئايەملەر ئۆزىمىزنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكىدەك ھۇزۇرلۇق بولمايدىكەن."

بالىلار بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھېيتلىشىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئومۇمەن ئۆزلىرىنىڭ كومپىئوتېر ئويۇنلىرى بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى، ھېيت كۈنلىرىدە ۋاقىتلىرىنى دوستلىرى بىلەن ھېيتلىشىش، دېڭىز بويلىرىدا ساياھەت قىلىش ۋە بالىلار باغچىلىرىدا كۆڭۈل ئېچىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە تەلپۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.