"مۇقەددەس جايلاردىكى تۆمۈر يول ئىشچىلىرىدىن مۇنچە جۇڭگولۇق مۇسۇلمان بولدى" دېگەن خەۋەرلەر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان گېزىت ۋە جۇرناللاردا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان بولدى. ئەمما، غەيرى رەسمىي خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى مۇسۇلمانلارنى ئالداپ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ قويۇپ ئۇلاردىن پايدىلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇقەددەس جايلاردا قىلىۋاتقان ناشايان ئىشلىرى بۇ خەۋەرلەرنى توغرىلىماقتا.
خىتاي ئىشچىلىرى مۇقەددەس جايلارنىڭ ئىنتىزامىنى بۇزدى
لوندوندا چىقىدىغان "ئوتتۇرا شەرق گېزىتى"نىڭ 2010 - يىلى15 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا، "مەككە ساقچىلىرى 16 نەپەر خىتاي ئىشچىنى ئىشتىن ھەيدىدى" دېگەن تېمىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: "مەككە رايونىنىڭ ساقچى ئىدارىسى مۇقەددەس جايلارنىڭ تۆمۈر يولىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىدىن 16 كىشىنىڭ مۇزدەلىفە دېگەن جايدا ئىش ھەققىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قوزغىلىپ چىقىپ تۆت ئاپتوموبىلنى ئۆرۈپ تاشلاپ بۇزۇۋەتكەنلىكى ۋە مۇقەددەس جايلاردا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئىشتىن چىقىرىش ۋە ئۆز ۋەتىنىگە قوغلىۋېتىش قارارىنى ئېلان قىلدى."
مەككە مۇقەددەس رايون ساقچى ئىدارىسىنىڭ رەسمىي باياناتچىسى ئابدۇلمۇھسىن مىمان مۇنداق دېدى: "16 نەپەر خىتاي ئىشچىسىنىڭ ئىشتىن قوغلىنىپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتۇرۇلۇش قارارى تۈنۈگۈن چىقىرىلدى. چۈنكى، ئۇلار ئىش ھەققىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش باھانىسى بىلەن قوزغىلىپ چىقىپ، ئىككى ئاپتوموبىلنى ئۆرۈپ تاشلىغان، 4 ئىنى بۇزۇپ سۇندۇرۇپ تاشلىغان ۋە باشقا ئىشچىلارنى ئىش تاشلاشقا تەشەببۇس قىلىپ، ئىنتىزامنى بۇزغان، ئامانلىق ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن."
خىتاي ئىشچىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
گېزىتتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "مەككە مۇكەررەمە - مۇقەددەس رايون ساقچى ئورگىنى ئەرەفات، مۇزدەلىفە ۋە مىنا قاتارلىق مۇقەددەس جايلاردىكى تۆمۈر يولدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بۇ مۇقەددەس جايلاردا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش، ئاممىنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىش كەچۈرۈلمەس چوڭ جىنايەتلەردىن سانىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ دەرھال بۇ يەردىن يىراقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.